ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى قوغدايدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-21 18:01

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى «شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى قوغدايدۇ» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى.

ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-سانلىق يىغىنىدا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى (لايىھەسى)»غا قاراپ چېقىلىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇن-تۈزۈمى ۋە ئىجرا مېخانىزمىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشتە مۇھىم قەدەم تاشلاندى. دۆلەت قاتلىمىدىن قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ تېز باشلىنىشى ۋە كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، شياڭگاڭنىڭ قالايمىقانچىلىقنى تۈزەش، قايتىدىن يولغا چىقىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى» نىڭ بالدۇرراق ماقۇللىنىشى ۋە ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى كۈچلۈك قورغاننى قانۇن بويىچە بەرپا قىلغاندا، «بىر دۆلەت» ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، «ئىككى تۈزۈم»نىڭ پايدىسى تېخىمۇ نامايان بولىدۇ، شياڭگاڭنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ، ئالاھىدە مەمۇرى رايون دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يىراققا سەپەر قىلالايدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرى رايونىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىنى قوغدايدۇ