ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنى ئىشلىتىش مەجبۇرىيىتىنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-21 18:44

يېقىندا، «بالىلارنىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بۇلۇتلار مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى، نۇرغۇن كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر بالىلارنىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇشتىكى بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا پائال تەكلىپ بەردى.

  «قانۇن-تۈزۈم» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى شۇنىڭغا دىققەت قىلغانكى، مۇھاكىمە يىغىنىدىكى ئىككى تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى: يەنى ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، يەر شارىدا ھەر يىلى 180 مىڭغا يېقىن بالا يول قاتنىشىدا زەخمىلىنىش سەۋەبىدىن ئۆلىدىكەن، ھەمدە بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچتىن بىر قىسمى ماشىنىدا ئولتۇرۇش جەريانىدا ئۆلىدىكەن. دۆلىتىمىزدە، بىر ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىنى رەتكە تىزغاندا، يول قاتنىشىدا زەخىملىنىش ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

  بىر ئالاقىدار سانلىق مەلۇماتتا، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنى توغرا ئىشلىتىش كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن، ھەمدە شۇ ئارقىلىق بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ قاتناش ۋاسىتىلىرىدە ئەجەللىك زەخىملىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ %71 تۆۋەنلىشى، بىر ياشتىن تۆت ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ قاتناش ۋاسىتىلىرىدە ئەجەللىك زەخىملىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ %54 تۆۋەنلىشى، تۆت ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ قاتناش ۋاسىتىلىرىدە ئەجەللىك زەخىملىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ %59 تۆۋەنلىشى مۇمكىن ئىكەن.

  بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنىڭ ئىشلىتىش نىسبىتى تۆۋەن بولسا، بالىلارنىڭ ماشىنىدا خەۋپ-خەتەرگە ئۇچراش ئېھتىماللىقى شىددەت بىلەن ئاشىدىكەن.

  بېيجىڭ بالىلار دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، يول قاتنىشىدا زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىققان زەخىملىنىش خاراكتېرلىك باش سۆڭىكى زەخىملەنگەن بالىلارنىڭ %54ى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىچىدىكى بالىلار بولۇپ، %37ى يول ئۈستىدىكىلەر، %9ى موتسىكلىت، ۋېلىسىپىت ۋە توكلۇق ئاپتوموبىللىق يولۇچىلار ئېلىپ ماڭغان بالىلار ئىكەن. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بىر ياشتىن تۆۋەن ياشتىكىلەرنىڭ زەخىملىنىش خاراكتېرلىك باش سۆڭىكى زەخىملەنگەن بالىلارنىڭ ھەممىسى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىچىدە ئولتۇرغان بالىلار بولۇپ، ئۇنداق قاتناش ۋاسىتىلىرنىڭ بىرسىگىمۇ بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى ئورنىتىلمىغان.

  جۇڭگو ئاياللار تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتىنىڭ «قىسمەن چوڭ-ئوتتۇرا شەھەرلەردىكى بالىلارنىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش بىخەتەرلىكى ۋە بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنى توغرا ئىشلىتىشى بولسا، بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ ئەجەللىك زەخىملىنىش ئېھتىماللىقىنى %71، بىر ياشتىن تۆت ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئەجەللىك زەخىملىنىش ئېھتىماللىقىنى %54، تۆت ياشتىن يەتتە ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئەجەللىك زەخىملىنىش ئېھتىماللىقىنى %59 تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.

  يەرلىكتە قانۇن چىقىرىش تەرققىي قىلماقتا، ئەمدى ئۇنى مەجبۇرىي تەدبىقلاش زۆرۈر بولۇپ قالدى

  نۆۋەتتە، يەر شارىدىكى 90 نەچچە دۆلەت ۋە رايون بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنى مەجبۇرىي ئىشلىتىش قانۇن-نىزاملىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە شۋېتسىيە قاتارلىق رايونلارنىڭ بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنى ئىشلىتىش نىسبىتى %95تىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

  2014- يىلى، شاڭخەي بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى «شاڭخەي شەھىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى»غا كىرگۈزۈپ ئېنىق بەلگىلىمە چىقارغان. نىزامدا، تۆت ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئېلىپ مېڭىپ، ئۇلارنى ئائىلە ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرغۇزغاندا، ئاپتوموبىلغا بالىلار ئۈچۈن بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنى سەپلەش ھەمدە توغرا ئىشلىتىش كېرەك، دېيىلگەن؛ ھەمدە ئاتا-ئانىسى ياكى باشقا ۋەسىيلىرى ۋە قۇرامىغا يەتكەن باشقا كىشىلەر 12 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئېلىپ ماشىنىغا چىققان بولسا، ئۇ بالىلارنى شوپۇرنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى قوشۇمچە ئورۇنغا ئولتۇرغۇزۇشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقى ئېنىق يېزىلغان، ھەمدە ئۇ بەلگىلىمە 2017- يىلىدىكى «شاڭخەي شەھىرىنىڭ يول قاتنىشىنى باشقۇرۇش نىزامى»غا كىرگۈزۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جازالاش خاراكتېرلىك تەدبىرلەرمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  2014- يىلى 8- ئاينىڭ 1- كۈنى شەندۇڭمۇ بۇ ھەقتە يەرلىك نىزام چىقىرىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا بالىلارنى ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغۇزغاندا چوقۇم بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغۇزۇش كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، شېنجېن يەنە تۆت ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى شەخسىي ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغۇزغاندا چوقۇم بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىدا ئولتۇرغۇزۇش، 12 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنى شوپۇرنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى قوشۇمچە ئورۇنغا ئولتۇرغۇزماسلىق توغرىسىدا قانۇن چىقاردى ھەمدە 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويدى.

  بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىغا ئائىت قانۇن چىقىرىش ھەممە يەرنى قاپلىدى

  2016- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى، «نەنجىڭ شەھىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش نىزامى»دا، ئالتە ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئېلىپ شەخسىي ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغۇزغاندا، ئاپتوموبىلغا چوقۇم بالىلارنىڭ بىخەتەر ئورۇندۇقىنى سەپلەش ھەمدە ئۇنى توغرا ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. بىر ئايدىن كېيىن، «خاڭجۇ شەھىرىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى»دا، تۆت ياشتىن تۆۋەن ياكى بويى بىر مېتىردىن تۆۋەن بالىلارنى كىچىك تىپتىكى پىكاپقا ئولتۇرغۇزغاندا، پىكاپقا بالىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنى سەپلەش ھەمدە ئۇنى توغرا ئىشلىتىش كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

  دۆلەت قاتلىمىدىن قانۇن چىقىرىش ۋاقتىغا ئاز قالدى، تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ

  تۇڭ لىخۇا سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: قانۇن چىقىرىش جەريانىدا، بىز بەزى قانۇن چىقىرىش تېخنىكا مەسىلىلىرىگە دۇچ كېلىمىز. مەسىلەن، بەزى جايلاردا شەخسىي ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش جەريانىدا، ياشقا قاراپ، يەنى تۆت ياشقا توشمىغان بالىلار ئۈچۈن ئاپتوموبىلغا بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى سەپلەش كېرەكلىكى، بەزى جايلاردا بولسا، بوي ئېگىزلىكىگە قاراپ، يەنى بوي ئېگىزلىكى بىر مېتىردىن تۆۋەن بالىلار ئۈچۈن ئاپتوموبىلغا بىخەتەرلىك ئورۇندۇقى سەپلەش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن. ئۆلچەم زادى ياش بولۇشى كېرەكمۇ ياكى بوي ئېگىزلىكى بولۇشى كېرەكمۇ؟ ئەگەر ياش بولسا، زادى قانچى ياش بولۇشى كېرەك؟ دېمەك، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قانۇن چىقارغاندا چوڭقۇر دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بالىلار بىخەتەرلىك ئورۇندۇقىنى ئىشلىتىش مەجبۇرىيىتىنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ

يېقىندا، «بالىلارنىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش بىخەتەرلىكى مەسىلىسى بۇلۇتلار مۇھاكىمە يىغىنى» ئېچىلدى،