ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 12-سانلىق يىغىنىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-24 16:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 12-سانلىق يىغىنىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۆتكۈزۈلدى، مۇزاكىرىدە «نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە يۇقىرى سۈپەتلىك غەلىبە قىلىپ، نىسپىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش»نى چۆرىدىگەن ھالدا كېڭىشىش ئېلىپ بېرىلدى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

ئەزالار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، بىرىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ بەلگە خاراكتېرلىك كۆرسەتكۈچى قىلىپ، بىر قاتار زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مىسلىسىز نەتىجىگە ئېرىشىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە ئېلىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، خەلقئارانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىغا جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى.

ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تاماملىنىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قېپقالغان ۋەزىپىلەر مۈشكۈل، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنە يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بوشاڭلىق قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. دىققەتنى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارغا قارىتىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ سىياسەتلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىمىغان نامرات ناھىيە ۋە نامرات كەنتلەرگە مەخسۇس ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئاخىرقى قىيىن مەسىلىلەرنى قەتئىي ھەل قىلىش؛ يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى تىرىشىپ ئازايتىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئالدى بىلەن قوللاپ، نامراتلارنى يۆلەشتىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى كاساتلىشىپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش كەسپىدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى قوللاپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىدە ئىشنى-ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يۇقۇم سەۋەبلىك نامراتلىشىپ كەتكەن، قايتا نامراتلىشىپ كەتكەن ئاھالىگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش؛ نامرات ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، نامراتلارنى يۆلەش بىلەن ئىرادە جەھەتتىن، ئەقلىي جەھەتتىن يۆلەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، كۆچۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەشتىن كېيىنكى قوللاشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە نازارەت قىلىش ۋە ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى تېز ئورنىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش ۋە نامراتلىشىپ كېتىش خەۋپى بار كىشىلەرگە قاراتمىلىقى بار ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش؛ نىسپىي نامراتلىقنى تۈزەشنى ئىلمىي پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈلمە مېخانىزمنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇشنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىلەن يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ نىسپىي نامراتلىقنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك.

بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى مۇزاكىرىسىدە قىسمەن يىغىن مەيدانلىرىدا بىرلىشىپ كېڭىشىش شەكلى تۇنجى قېتىم قوللىنىلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدا ئاساسىي يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى، گۇاڭشى، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىكى سىياسىي كېڭەش ئورگىنى ۋە نامراتلارنى يۆلەشنىڭ بىرىنچى سېپىدە شۆبە يىغىن مەيدانلىرى ۋە ئالاقە نۇقتىلىرى تەسىس قىلىندى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ياكى يەرلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى ۋىدىيودا سۆز قىلدى. مەركىزىي كومىتېت يېزا خىزمىتى ئىشخانىسى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى پىكىر ئالماشتۇردى.

شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، بىر قىسىم ئەزالىرى شۇ جايدىكى شۆبە يىغىن مەيدانلىرىدا گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى قىلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 12-سانلىق يىغىنىنىڭ مەخسۇس تېمىلىق گۇرۇپپا مۇزاكىرىسى ئۆتكۈزۈلدى

بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ مەخسۇس تېمىدىكى مۇزاكىرىسىدە قىسمەن يىغىن مەيدانلىرىدا