ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شياڭگاڭنىڭ ھەر قايسى ساھەسى شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى چىقىرىلىشنى داۋاملىق قوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-24 16:40

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شياڭگاڭنىڭ ھەر قايسى ساھەسى شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىنىڭ چىقىرىلىشنى داۋاملىق قوللىدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لياڭ جېڭيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىنىڭ چىقىرىلىشى شياڭگاڭنىڭ يۈكسەك ئاپتونومىيە ۋە قانۇن پەرقىگە تولۇق ئەھمىيەت بېرىلىپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭلىقلار شياڭگاڭنى ئىدارە قىلىش»، «يۈكسەك ئاپتونومىيە»نىڭ ھاياتى كۈچى گەۋدىلەندۈرۈلدى. شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەھكىمىسى بىلەن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى ئالاھىدە ئەھۋالدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئاز ساندىكى جىنايى دېلولارغا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ، بۇ ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن ئورۇنلاشتۇرۇش.

دۇنيا سودا مەركىزى جەمئىيىتىنىڭ ئۆمۈرلۈك پەخرى كېڭەش باشلىقى ۋۇ شۇچىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قانۇن قانچە تىز چىقىرىلسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ، دۆلەت قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، شياڭگاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە گۈللىنىشىنى قوغدىشى كېرەك ھەمدە شياڭگاڭ جەمئىيىتىنى قوغدىغاندىلا پۇقرالار شياڭگاڭدا مۇقىم خىزمەت قىلالايدۇ، جەمئىيەت ئىقتىساد تەرەققىيات تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، جەمئىيەت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمايدۇ، بۇمۇ كىشىلەر قەلبىدىن تەلپۈنىدىغان ئىش.

شياڭگاڭ رايونىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شياڭگاڭ چياۋمىنلار ساھەسى تەشكىلاتى بىرلەشمىسىنىڭ باش رەئىسى يۈ گوچۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى چىقىرىلغاندىن كېيىن، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان سالىدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى جىنايى قىلمىشلار ئۈنۈملۈك جازالىنىدۇ، شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىللىققا تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ئەسلىگە كېلىدۇ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى بولۇش ئورنى مۇستەھكەملىنىدۇ ۋە دەرىجىسى ئۆسىدۇ.

شياڭگاڭ قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دېموكراتىك شياڭگاڭ قۇرۇش جەمئىيىتى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى چېن كىچىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن مەركەزنىڭ شياڭگاڭ ئۈچۈن شياڭگاڭ رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىك قانۇنى چىقىرىشىنى قەتئىي قوللايمەن، شياڭگاڭدىكى نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قالايمىقانچىلىقىدا كۆپلىگەن چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ ئارىلاشقانلىقىنى كۆردۇق، شياڭگاڭ رايونى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىنى چىقىرىش زۆرۈر، بۇ خەلق رايىنىڭ مايىللىقى، شۇنداقلا كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ئىستىكى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شياڭگاڭنىڭ ھەر قايسى ساھەسى شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنى چىقىرىلىشنى داۋاملىق قوللىدى

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شياڭگاڭنىڭ ھەر قايسى ساھەسى شياڭگاڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش