ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دىچىڭ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئېگىزلىك ئالاھىدە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-06-24 16:40

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يۈننەن ئۆلكىسى دىچىڭ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يۈننەننىڭ غەربىي شىمالىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان تاغ ئېتىكىگە جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3280 مېتىر، نامرات نوپۇس كۆپ، نامراتلىق دەرىجىسى ئېغىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دىچىڭ ئوبلاستى جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى، ئىقتىسادىي زىرائەتلەر قاتارلىق ئېگىزلىك ئالاھىدە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، كەسىپنى كەنتلەر ۋە ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زاڭزۇلار رايونىدىكى بارغانسېرى كۆپ ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلىدى.

دىچىڭ ئوبلاستى شياڭگىرىلا شەھىرى خۇتاۋشيا بازىرى خوڭچى كەنتىنىڭ ئېتىز قىرىدا يېزىدا تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئاممىنىڭ كۆچەت پەرۋىش قىلىش ۋە تىكىشىگە ئەستايىدىل يېتەكچىلىك قىلىۋاتاتتى. شياڭگىرىلا شەھىرى خۇتاۋشيا بازىرى خوڭچى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجىسى ياڭ خوڭجوڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئاز ئىدى، پۇقرالار ئۆزىنى قامداش ئۈچۈن تېرىيتى، ھازىر قىلىۋاتقان كەسپىمىز ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىچىدە بولۇپ ، ئۆتكەن يىلدىكى كىرىمىمىز ناھايىتى ياخشى بولدى، بەزىلەرنىڭ كىرىمى 40-50 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

خۇتاۋشيا بازىرى خوڭچى كەنتى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقتىن، دورا ماتېرىياللىرى تېرىقچىلىق كۆلىمى ئاز، تارقاق ھەم قالايمىقان ، مەھسۇلات مىقدارى تۆۋەن ئىدى. نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر قايسى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى باشلامچى بولۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىپ، سورتلۇق ئۇرۇقلۇق، كۆچەت ۋە يېزا ئىگىلىك دورىلىرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، تېخنىكا خادىملار تېرىشقا نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كاپالەتلىك سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يېقىن جايدا ئىشلەش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى،ھەمدە ئىقتىسادى كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلدى. خوڭچى كەنتىنىڭ ياچېيكا شۇجىسى جاۋ جىشېڭ مۇنداق دېدى: كەنتتە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، 2020-يىلى كەنت ئاھالىلىرى كۆچمە تۇرمۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، ھەممىسى كېسەك ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى.

خوڭچى كەنتى دىچىڭنىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلىشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دىچىڭ ئالاھىدە چارۋا ۋە قۇش باقمىچىلىقى، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى،زەمبۇرۇغ، ياغلىق دان، ئۈزۈم، ئارپا، كۆكتات قاتارلىق يەتتە خىل نۇقتىلىق يېزا ئىگىلىك كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئېگىزلىك رايوندىكى دېھقان چارۋىچىلار كەسىپتە ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمى داۋاملىق ئاشتى.2019-يىلى دىچىڭ ئوبلاستىدا 2712 ئائىلە، 9196 كىشى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، 40 كەنت نامراتلار قاتارىدىن چېكىندۈرۈلدى،نامرات نوپۇس 1597گە ئازايدى، نامراتلىشىش نىسبىتى %0.53 تۆۋەنلىدى.







中央广播电视总台 央广网 版权所有

دىچىڭ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ئېگىزلىك ئالاھىدە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات نوپۇسنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى

يۈننەن ئۆلكىسى دىچىڭ زاڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى يۈننەننىڭ غەربىي شىمالىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان