ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى: چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا ئوتتۇرىچە ھۆل-يىغىن مىقدارى 1961-يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2-قېتىم كۆپ بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-21 18:43

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئاپەتنى يېنىكلىتىش كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جېڭ گوگۇاڭ 7-ئاينىڭ 13-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئېلىمىزدە ھۆل-يىغىن مىقدارى كۆپ بولدى، قىسمەن رايونلاردا ھۆل-يىغىن ئېغىر بولدى. 6-ئاي كىرگەندىن بۇيان، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا ئوتتۇرىچە ھۆل-يىغىن مىقدارى 1961-يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدە 2-ئورۇندا تۈردى. كۆپلىگەن ئۆلكىلەر كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتىگە ئۇچرىدى، مەملىكەت بويىچە 27 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دە 37 مىليون 890مىڭ ئادەم قېتىم ئاپەتكە ئۇچرىدى، 141 ئادەم قازا قىلدى ۋە يوقاپ كەتتى، 28مىڭ ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشتى.
جېڭ گوگۇاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاپەت يۈز بەرگەندىن بۇيان، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 47 مىڭ ئادەم قېتىم ئاجرىتىپ، خەتەردە قالغان 76مىڭ ئادەمنى قۇتقۇزدى، تارقاقلاشتۇردى ۋە يۆتكەلدى. ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، كەلكۈن مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتىگە ئۇچرىغان نوپۇس، قازا قىلغان ۋە يوقاپ كەتكەن ئادەم سانى، ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆي سانى ۋە بىۋاسىتە ئىقتىسادى زىياننى يېقىنقى بەش يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئايرىم-ئايرىم %9، %51، %70، %13 تۆۋەنلىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى: چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدا ئوتتۇرىچە ھۆل-يىغىن مىقدارى 1961-يىلدىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2-قېتىم كۆپ بولدى

دۆلەتلىك ئاپەتنى يېنىكلىتىش كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ