ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» يېزىلىرىنىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-21 18:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېقىندا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئۈچ يىل داۋاملاشقان «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئۆز قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى، 210 نامرات ناھىيەدىكى 19 مىليوندىن ئارتۇق ئاھالە بىخەتەر، مۇقىم توك ئىشلىتەلەيدىغان بولدى، بۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشنى كۈچلۈك ئېلېكتىر كاپالىتىگە ئىگە قىلدى. «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئەڭ ئاخىرقى تىرانسفورموتور قۇرۇلۇشى بولغان سىچۈەن ئابا ئوبلاستىدىكى 110 كىلوۋولتلۇق توك يەتكۈزۈش لىنىيەسى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئابا ئوبلاستىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز تاغلىق رايونىدىكى تۆت نامرات ناھىيەدىكى 250 مىڭ ئاھالە تۇنجى قېتىم چوڭ ئېلېكتىر تورى ئارقىلىق بىخەتەر، مۇقىم توك ئىشلەتتى.

چوڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئۇزارتىلىشى بىلەن شىزاڭنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4780 مېتىردىن ئاشىدىغان ناچۈ ۋىلايىتى بەنگې ناھىيەسىنىڭ تۆت يېزا بازىرى مۇقىم توك ئىشلىتەلەيدىغان بولدى. يۈننەننىڭ نۇجياڭ ئوبلاستى ۋە دىچىڭ ئوبلاستىدىكى 373 نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش نۇقتىسى توك ئىشلىتىشتىن غەم قىلمايدىغان بولدى. ئىلگىرى بىرمۇ سىتۇلبا، بىر مېتىرمۇ توك سىمى يوق شىنجاڭنىڭ كوئېنلون تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى خوتەننىڭ قارا تاغ كەنتىدىكى 578 ئۇيغۇر دېھقان-چارۋىچى كىچىك يورۇقلۇق ۋولتقا خاتىمە بەردى. چىڭخەي ئۆلكىسى چىليەن ناھىيەسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى ياڭلۇڭ يېزىسىدىكى 2886 چارۋىچىنىڭ تۇرمۇشى ئېلېكتىرلەشتۈرۈلدى، ئۇلار ئېكولوگىيەلىك چارۋىچىلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادى بولماسلىق ئەھۋالىنى ئۆزگەرتتى. گەنسۇنىڭ تيەنجۇ ناھىيەسى تيەنتاڭ بازىرىدا ساياھەتچىلىك، چارۋىچىلىق، جۇڭگو تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى تېرىش قاتارلىق ئۆزگىچە ئىگىلىك بارلىققا كەلدى.

دۆلەتلىك ئېلېكتىر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» نىڭ 2020-يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى توك ئىشلىتىش مىقدارى ئۆزگەرتىلىشتىن ئاۋالقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا %30 ئېشىپ، شۇ يەرنىڭ ئۆزگىچە چارۋىچىلىق، ساياھەتچىلىك قاتارلىق كەسىپلىرىدە يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى مىليارد 700مىليون يۈەن كىرىم قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، 3 مىليون 736مىڭ نامرات نوپۇسنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگەن. 




中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» يېزىلىرىنىڭ ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى

دۆلەتلىك ئېنېرگىيە ئىدارىسى يېقىندا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئۈچ يىل داۋاملاشقان «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»تىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ