ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالدىنقى يېرىم يىلدا بېيجىڭ ئىقتىسادى مۇقىم ئەسلىگە كەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-21 18:49

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بېيجىڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىقتىسادىي ھەرىكەت ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى. بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى پاڭ جياڭچيەن ئالدىنقى يېرىم يىلدا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىدا مۇقىم ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەۋرىشىملىكى كۈچىيىپ، ھاياتىي كۈچى ئاشتى دېدى.

رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى بىر تۇتاش ھېسابلاش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بىر تىرىليون 620 مىليارد 560 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 ئازايغان، ئازىيىش كۆلىمى 1-پەسىلدىكىدىن 3.4 پوئېنت تارايغان.

پاڭ جياڭچيەن مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدىكى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئىقتىسادىنى «بىر ئۆرلەش، ئىككى كۈچىيىش» دېگەن سۆزلەرگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. بىر ئۆرلەش-ئىقتىسادتا ئۆرلەش ۋەزىيىتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پۈتۈن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ تۆۋەنلەش كۆلىمى 1-پەسىلدىكىدىن 3.4 پوئېنت تارايدى. ئىككى كۈچىيىش-ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئەۋرىشىملىكى كۈچىيىش، ھاياتىي كۈچى كۈچىيىشنى كۆرسىتىدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچىنىڭ كۈچىيىشى-پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق جانلىقلىقنى ساقلاش؛ يېڭى ئىقتىسادنىڭ ئىپادىسى جانلىنىپ، تور ئىستېمالىنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىپ، توردا پارچە سېتىشنىڭ تېز ئاشقانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالدىنقى يېرىم يىلدا بېيجىڭ ئىقتىسادى مۇقىم ئەسلىگە كەلدى

بېيجىڭ شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بېيجىڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن