ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

7-ئاينىڭ 22-كۈنى شىنجاڭدا 18 بىمار كۆپەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-23 17:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت نۆلدىن 24 كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دىياگنۇز قويۇلغان يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارىدىن 18 نىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 16 بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن دىياگنۇز قويۇلغان بىمارغا ئۆزگەرگەنلىكى، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچىدىن 24 ىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەنلىكى، ھەممىسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەنلىكىنى دوكلات قىلغان. 7-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 24 كىچە، شىنجاڭ ۋە بىڭتۇەندە ھازىر بار بولغان دىياگنۇز قويۇلغان بىمار 82 بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسىنىڭ كېسىلى خەتەرلىك، يەتتىسىنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 80 ى، قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كىرگەن بىرسى، بىڭتۇەندە بىرسى بار ئىكەن؛ ھازىر بار بولغان كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى 77 بولۇپ، ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

7-ئاينىڭ 22-كۈنى شىنجاڭدا 18 بىمار كۆپەيدى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 7-ئاينىڭ 22-كۈنى