ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېيجىڭ، شىنجاڭ ۋە داليەن ئايرىم ئايرىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-07-29 09:58

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 29-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

28-ئىيۇل، بېيجىڭ شەھىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە داليەن شەھىرى ئايرىم ئايرىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

بېيجىڭ شەھىرىدە سىرتتىن كىرگەن بىر بىمارنىڭ داليەندە بايقالغان بىمار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىگە قارىتا بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شۈ خېجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقۇمنىڭ سىرتتىن كىرىشىنىڭ، ئىچكى جەھەتتە قايتىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. بېيجىڭ شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش مەركىزى بارلىق شەھەر ئاھالىلىرىگە ئەگەر تېنى ئارامسىزلانسا ئىمكان قەدەر ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىغا چىقماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.

28-ئىيۇل ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ دەسلەپ بايقالغان ئالتە بىمار ۋە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇملانغۇچى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شاڭ يۈلەن تونۇشتۇرۇپ: بۇ يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىدىن تۇنجىي تۈركۈم ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلار دېدى.

داليەن شەھەرلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ ليەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندىن ئۇچراشقانلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، مۇھاسىرە چەمبىرىكى ھاسىل قىلىپ، يۆتكىلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىلمىي ياخشى ئىشلەش كېرەك. 28-ئىيۇلدىن باشلاپ، داليەن شەھىرى يېمەك ئىچمەك مۇلازىمىتى تىجارەت ئورۇنلىرىدا توپلىشىپ غىزالىنىشنى توختاتتى، شەھەر تەمىناتى جەھەتتە داليەن شەھەرلىك سودا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سوڭ كې تونۇشتۇرۇپ: داليەن شەھىرىدە نۆۋەتتە خەلق تۇرمۇشى تاۋارلىرى تولۇق دېدى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

بېيجىڭ، شىنجاڭ ۋە داليەن ئايرىم ئايرىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى

28-ئىيۇل، بېيجىڭ شەھىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە داليەن شەھىرى ئايرىم ئايرىم ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.