ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سەئۇدى ئەرەبىستانى قاشۇقچىىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-08 18:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

سەئۇدى ئەرەبىستانى تەپتىش ئورگىنى 9-ئاينىڭ7 - كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مۇخبىر قاشۇقچىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، دېلوغا چېتىشلىق بەش كىشىگە 20 يىللىق نەزەربەند قىلىش ھۆكۈمى چىقىرىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تەپتىش ئورگىنى ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىلىشىچە، رىياد جىنايى ئىشلار سوت كوللېگىيەسى قاشۇقچىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىغا چېتىشلىق سەككىز كىشىگە ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىپ، بەش كىشىگە 20 يىللىق، بىر كىشىگە 10 يىللىق،ئىككى كىشىگە يەتتە يىللىق نەزەربەند قىلىش ھۆكۈمى چىقارغان. ئېلاندا مۇنداق دېيىلدى : ئاخىرقى ھۆكۈم چىقىرىلغاندىن كېيىن، بارلىق جىنايى ئىشلار بويىچە ئەيىبلەش ۋە بىۋاسىتە دەۋا قىلىش جەريانى بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئاخىرلىشىدۇ، ئەدلىيە ئورگانلىرى قانۇن بويىچە ئالاقىدار ھۆكۈملەرنى ئىجرا قىلىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

سەئۇدى ئەرەبىستانى قاشۇقچىىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى

سەئۇدى ئەرەبىستانى تەپتىش ئورگىنى 9-ئاينىڭ7 - كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق مۇخبىر قاشۇقچىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش دېلوسىنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈم نەتىجىسىنى