ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-08 18:41

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان مىللىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى پابالا گېلىلاڭجيې يازما سۆز قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتى ھەر يىلى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن تىنچلىق تىلىكى تىلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، دىن ساھەسىنىڭ ۋەتەننى، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتىن ئىبارەت ياخشى ئارزۇسىنى ئىپادىلەپ كەلدى. خاتىرىلەش ۋە تىلەك تىلەش پائالىيىتىدە ئېرىشكەن مەنىۋى بايلىقنى قەتئىي ئېتىقاد، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكى ئەربابلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى دىنلار ئىناقلىقى، جەمئىيەت ئىناقلىقى، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك..










中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

جۇڭگو دىن ساھەسى تىنچلىق كومىتېتى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، باش