ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھالقىلىق پەيتتىكى ئاچقۇچلۇق تاللاش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-08 19:01

 جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا! ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بۇ قېتىمقى يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، ۋۇخەندىن ئايرىلىش يولىنى تاقاش ئېنىقكى خەتەرلىك پەيتتىكى ئەڭ مۇھىم ھەل قىلغۇچ تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئومۇملۇقنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كەسكىن تەدبىر قوللاندى، مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىر نىيەتتە ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، 76 كۈندە خۇبېينى قوغداش جېڭى، ۋۇخەننى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ نەتىجىنى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش، تاقابىل تۇرۇش جېڭىدە زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

خەلقئارالىق ئۇنىۋېرسال قاتناش تۈگۈنى بولغان ۋۇخەن ئوتتۇرا رايوننىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، غەرب بىلەن شەرقنى، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان بولۇپ، توققۇز ئۆلكىنىڭ چوڭ يولى دەپ ئاتالغان. ئەگەر ۋىرۇس ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا تارقالسا، يۇقۇم تېز سۈرئەتتە پۈتۈن مەملىكەتكە يامراپ كېتەتتى، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى!

ۋەزىيەت جىددىي ئىدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن كەسكىن تەدبىر قوللاندى. 1-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە، جۇڭگو نەپەس يولى كېسەللىكلىرى ئىلمى، تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى، ئېغىر كېسەللىكلەر مېدىتسىناسى، مىكرو ئورگانىزم ئىلمى، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش قاتارلىق ئالاقىدار پەنلەردىكى ئەڭ سەۋىيەلىك كۈچلەردىن توپلانغان يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋۇخەنگە يېتىپ بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى باشلاپ، «ۋىرۇسنىڭ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا تارقىلىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى». 1-ئاينىڭ 19-كۈنى، يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى يۇقۇمنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپى ۋۇخەندىن بېيجىڭغا جىددىي قايتىپ، دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرىغا دوكلات قىلدى، يىغىن تاڭ سەھەرگىچە داۋاملاشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 20-كۈنى يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ھەققىدە دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئەتراپلىق لايىھە تۈزۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، يۇقۇمنىڭ يامراش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش؛ بىمارلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇپ، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە تارقىلىش سەۋەبىنى تېزدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، بىمارلارنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەل قىلىش جەريانىنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ يۇقۇم ئۇچۇرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.

1-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، دەرھال خۇبېي ئۆلكىسى، ۋۇخەن شەھىرىدىكى ئادەملەرنىڭ يۆتكىلىشى ۋە سىرتقا تۇتىشىدىغان يوللارنى قاتتىق تاقاشتىن ئىبارەت قاتناش تىزگىنلەش تەدبىرى قوللىنىشنى تەلەپ قىلدى.

30 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر «زور تاسادىپى ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ 1-دەرىجىلىك ئىنكاسى»نى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇپ، مەھەللىدە ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىنى تۈزۈپ، كاتەكچىلەشكەن، ھەممە يەرنى قاپلىغان باشقۇرۇشنى يولغا قويدى.

مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى دىڭ شياڭياڭ بۇ-سىرتقا تارقىلىش، ئىچىدە كېڭىيىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم تەدبىر، دەل مۇشۇ تەدبىر پۈتۈن مەملىكەتنى، ۋۇخەننى قوغداپ قالدى دېدى.

دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك قارارنى ۋاقتىدا، كەسكىن چىقىرىپ، خەلق داھىيسىنىڭ سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە سىياسىي جاسارىتىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. دەل مۇشۇ مىسلىسىز كەسكىن تەدبىر ئارقىلىق، بىر توساق بەرپا قىلىنىپ، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ رايون ھالقىپ تارقىلىشى توسۇلۇپ، يۇقۇملانغان ۋە قازا قىلغان بىمارلار زور دەرىجىدە ئازايدى.

يەر شارىدىكى 15 ئىلغار تەتقىقات ئاپپاراتىنىڭ تەھلىلىدە، بۇ قېتىمقى ھەرىكەت-ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئايرىش تەدبىرى، يەنە جايلار بەس-بەستە جىددىي ئاۋاز قوشۇپ، جۇڭگودا 700 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاز يۇقۇملىنىشقا كۈچ چىقاردى دەپ كۆرسىتىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋەزىيەتتىكى باسقۇچلۇق ئۆزگىرىشكە ئاساسەن، ئەھۋالغا قاراپ سىرتتىن كىرىش، ئىچىدە قايتىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆزى ئورۇنلاشتۇردى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، باش شۇجى بىۋاسىتە 1-سەپكە بېرىپ خىزمەت تەكشۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشنى چىڭ تۇتۇپ، كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلدى.

جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، ۋۇخەندىكى يۇقۇمنىڭ كېڭىيىشى تەدرىجىي ھالدا ئۈنۈملۈك توسۇلدى، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى تېزدىن ئازىيىشقا باشلىدى، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە 13 مىڭ 436 سى كۆپىيىشتىن بىر-بىرلەپ ئازىيىپ ئاخىرى نۆلگە چۈشتى.
بۇ قېتىمقى زور سىناقتا، جۇڭگو ۋىرۇس بىلەن دۆلەت ئىچىدە يۇقۇملانغان نوپۇس %0.006 كە يەتمەسلىكتىن ئىبارەت بۇ نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىنسانلارنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك بىلەن كۈرەش قىلىش تارىخىدىكى مۆجىزىنى ياراتتى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جۇڭگوغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتكەن مۇتەخەسسىس ۋەكىللەر ئۆمىكى بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: جۇڭگو قوللانغان تەدبىر ناھايىتى ۋاقتىدا، ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولۇپ، يۇقۇمنىڭ جۇڭگودا تارقىلىشىنى توسۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيا ئۈچۈنمۇ ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتكە، خەلققە، تارىخقا مەسئۇل بولۇشتىن ئىبارەت سىياسىي پوزىتسىيە بىلەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتىكى خەلق جېڭى، ئومۇمىي جەڭ، تاقابىل تۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈشىگە توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىپ، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلەپ، قۇدرەتلىك كۈچ قوشۇپ، قەتئىي غەلىبە قىلىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھالقىلىق پەيتتىكى ئاچقۇچلۇق تاللاش

خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا! ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان