ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«گۈلسامساق يەڭگە» چەتئەلگە چىقىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-10 18:09

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

لەنجۇ گۈلسامسىقى جۇڭگودىكى بىردىنبىر يېمەكلىك قىلىنىدىغان تاتلىق گۈلسامساق، ئۇ جۇڭگونىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگە مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لەنجۇنىڭ ئىسىم كارتىسى. تېرىشتىن پىششىقلاپ ئىشلەشكىچە، پارچە سېتىشتىن چەت ئەللەردە سېتىشقۇچە، شۇ جايدىكى «گۈلسامساق تېرىغۇچىلار» ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، گۈلسامساقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، گۈلسامساق گۈللىرىنى ھەممە يەردە ئېچىلدۇردى ھەمدە ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىگە ئىشەنچ ئۇرۇقى چاچتى. بۈگۈنكى «ھاللىق تۇرمۇشقا يۈرۈش قىلايلى» ماۋزۇلۇق ئالاھىدە خەۋىرىمىزدە «گۈلسامساق يەڭگە» چەتئەلگە چىقىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇردى دېگەن قىسمىنى ئاڭلىتىمىز.

يازنىڭ ئاخىرى كۈزنىڭ بېشىدا، گەنسۇ شۇاڭكۇيۈەن ئېكولوگىيە پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئوراش-قاچىلاش سېخىنىڭ ئالدىدا، «گۈلسامساق يەڭگە» دەپ ئاتالغان لۈ فېيبىن گۈل سامساق قاچىلانغان يەشىكلەرنىڭ چەت ئەلگە توشۇلۇشىغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ 23 يېشىدا خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ ئىگىلىك تىكلىگەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، «ئازراق ئىش قىلىش» مەقسىتىدە بۇ ئىشنى قىلغان ئىدىم، دېدى.

ئۇرۇقلۇقتىن، پىياز، ياڭيۇ، قارا ئاشلىق قاتارلىقلارنى قاچىلاپ ئېكسپورت قىلىشقىچە، لۈ فېيبىننىڭ ئىشى بارغانسېرى زورايدى. ئاخىرى ئۇ لەنجۇ گۈلسامسىقىنىڭ سودا پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى.

2014-يىلى ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى ۋە يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك پەن تەتقىقات پاتېنتىغا ئېرىشىش شىركەتكە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تەمىنىنى تېتىتتى. يېڭى تېخنىكىنىڭ نەتىجىگە ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، چەت ئەللىك خېرىدارلار زاكازنى كۆپەيتتى، مەبلەغ جەھەتتىكى قىيىن مەسىلىلەرمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىندى.

2019-يىلى شىركەتنىڭ سېتىش كىرىمى 110 مىليون يۈەندىن ئاشتى. تېرىقچىلىق بازىسىنىڭ ئەتراپىدىكى 2000 دىن ئارتۇق دېھقان ئۆلچەملىك تېرىقچىلىقتىن مەنپەئەتلەندى، كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى. ھازىر لۈ فېيبىن ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى 40 نەچچە تۈرلۈك پاتېنتقا ئېرىشتى، شىركەتمۇ ئۈچ ۋىۋىسكا ئاستى.

«گۈلسامساق يەڭگە» لۈ فېيبىن 45 ياشقا كىرگەن يىلى توردا بىۋاسىتە سېتىشنى ئۆگەندى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، شىركەتنىڭ توردا سېتىش نىسبىتى %30 كە يەتتى. ئۇ: كىرىزىسمۇ بەزىدە پۇرسەت بولىدىكەن، دېدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«گۈلسامساق يەڭگە» چەتئەلگە چىقىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇردى

لەنجۇ گۈلسامسىقى جۇڭگودىكى بىردىنبىر يېمەكلىك قىلىنىدىغان تاتلىق گۈلسامساق، ئۇ جۇڭگونىڭ