ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-25 22:02
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خەن جېڭ 9-ئاينىڭ 24-كۈنى چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى يەكۈنلەندى، كېيىنكى قەدەمدىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى قىلىشنىڭ تۈپ قوللانمىسى ۋە ھەرىكەت قوللانمىسى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك پىلانىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى پۇرسەت يېتىلدۈرۈش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش بۇرچىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى ھالقىلىق سۆزنى مەركەز قىلىپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىنى ئۆزئارا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا يېڭى بۆسۈشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى ئىقتىسادى ئاساسى ياخشى بولۇش، بازار بوشلۇقى كەڭ بولۇش، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى مۇكەممەل بولۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇش ئۈستۈنلۈكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى چوڭ ئايلانمىسى سۇبيېكىت قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا قوش ئايلانما ئۆزئارا بىربىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى باشلامچىلىق بىلەن شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، پۇدوڭ رايونىدا ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش، پائال ئىزدىنىش، تەجرىبىلەرنى يارىتىشنى قوللاپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ