ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ« يېشىل تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-09-25 22:52
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-سېنتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:
ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە، مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. شىنجاڭدا «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق» دېگەن تەرەققىيات ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مۇھىت ئاسراش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىي چېگراسىدا يېشىل تەرەققىياتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.
شىنجاڭ ئالتۇن كۈز پەسىلىدە بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسىدىكى كاڭچى نەم يەر باغچىسىدا، ساياھەتچىلەرگە يول باشلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ يۈرگەن نىساگۈلنىڭ ھازىر ئىككى ساياھەت كېمىسى بار، بۇ يىل ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگىنىگە ئۈچ يىل بولدى.
باي ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئىلگىرى دائىم قۇم بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايتتى. 2015-يىلىدىن باشلاپ، ئاقسۇ دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش قۇرۇلۇشى باشلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، نەم يەرلەر گىرەلىشىپ كەتكەن ئىككى دەريا ۋادىسى بىلەن كۆكياردىكى مىليون مولۇق سۈنئىي ئورمان بەلبېغى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغدايدىغان ئېكولوگىيە توسىقىغا ئايلاندى.
ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىت شۇ جايدىكى پۇقرالارغا سىجىل تەرەققىيات ئىقتىسادىي ئۈنۈمى   يارىتىپ بەردى. يېقىندا، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھىنىڭ تۆت ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى  ئاقسۇ ۋىلايىتىدە كېڭەيتىپ قۇرۇلدى، ئىلگىرى ئوت-چۆپ قوغلىشىپ تۇرمۇش كەچۈرىدىغان چارۋىچىلارمۇ دۆلەتنىڭ چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىشلەپچىقىرىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، باغۋەن بولدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۆرتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا 2014-يىلىدىن باشلاپ، دۆلەت ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 2 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، ئېبنۇر كۆلى نەم يەر قوغداش رايونى ۋە سايرام كۆلى ئېكولوگىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە  ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، ئىلگىرى سۇ ۋە ئوت-چۆپ قوغلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھەر مىللەت پۇقرالىرىمۇ شەھەرلەردىكى زامانىۋى تۇرمۇشقا ئېرىشتى.
ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا ئېبنۇر كۆلى ۋە سايرام كۆلىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئېكولوگىيە توسىقى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن تولۇق قاپلاندى، ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %100كە يېقىنلاشتى. شىنجاڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇقىم پايدىنى سىجىل قويۇپ بېرىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويدى. 2017-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە، شىنجاڭدا يىلىغا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 100 مىليوندىن 200 مىليونغا يېتىپ، ساياھەت كىرىمى 340 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«بىرمۇ مىللەت كەم بولسا بولمايدۇ« يېشىل تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش

ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە، مىللەتنىڭ