ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتتېرس ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ناگورنو-قاراباغ رايونىدا توقۇنۇشقانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-10-05 17:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى:

ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتتېرس 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ناگورنو-قاراباغ رايونىدا توقۇنۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھەربىي توقۇنۇشتىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش كاتىپنىڭ باياناتچىسى دىيارىك ئاخبارات قىسقا خەۋىرىدە مۇنداق دېدى: گەرچە خەلقئارا جەمئىيەت ئۇرۇش توختىتىشنى كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن توقۇنۇشۇۋاتقان ھەر قايسى تەرەپلەر يەنىلا داۋاملىق ھەربىي ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. باش كاتىپ ئۆزىنىڭ قەتئىي قارىشى، يەنى ھەربىي ۋاستىنىڭ توقۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. داۋاملىق دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتى خەلقنىڭ ئازاب-ئوقۇبىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، سۆزلىشىش توقۇنۇشنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ۋە ئۇزاققىچە ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتتېرس ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ناگورنو-قاراباغ رايونىدا توقۇنۇشقانلىقىدىن ئەپسۇسلاندى

ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتتېرس 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ناگورنو-قاراباغ رايونىدا توقۇنۇش سەۋەبىدىن