ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

11-نۆۋەتلىك يەر شارى سېتىۋېلىش(ۋۇخەن) مۇنبىرى شۇنداقلا سېتىۋېلىش كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-19 15:41

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

19-نويابىر جۇڭگو ئەشيا ئوبوروتى ۋە سېتىۋېلىش بىرلەشمىسى، خۇبېي ئۆلكىلىك سودا نازارىتى ئۇيۇشتۇرغان «11-نۆۋەتلىك يەر شارى سېتىۋېلىش (ۋۇخەن) مۇنبىرى ۋە سېتىۋېلىش كۆرگەزمىسى ۋۇخەندە رەسمىي ئېچىلدى.

بۇ قېتىمقى مۇنبەردە «كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدىكى يەر شارى سېتىۋېلىش ۋە تەمىنات زەنجىرى تەرەققىياتى» باش تېما قىلىندى. يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ سېتىۋېلىش، تەمىنات زەنجىرىگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىگە شۇنداقلا يۇقۇمدىن كېيىنكى سېتىۋېلىش، تەمىنات زەنجىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە نۇقتىلىق ئەھمىيەت بېرىلدى، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يامرىشى پۈتۈن يەر شارىنىڭ تەمىنات زەنجىرىگە ئېغىر زەربە بولدى، يەر شارىنىڭ بايلىق تەقسىملەش ئۇسۇلىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتتى، يەر شارى تەمىنات زەنجىرىنىڭ قايتىدىن تەشكىللىنىشىنى تېزلەتتى، رەقەملەشتۈرۈش، جانلىق بولۇش، بىخەتەر، مۇقىم بولۇش يەر شارى سېتىۋېلىش ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ يېڭى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئايلاندى، كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش ئىدىيەسى بىلەن، قول تۇتۇشۇپ، تېخىمۇ بىخەتەر، ئوچۇق،زامانىۋى تەمىنات زەنجىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، يېڭى نورمال ھالەتتىكى يەر شارى سېتىۋېلىش ۋە تەمىنات زەنجىرى خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有