ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز 26 دۆلەت ۋە رايون بىلەن 19 ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-19 16:00

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-نويابىر بېيجىڭ خەۋىرى:

سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، ھازىرغىچە، جۇڭگو 26 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئارقا-ئارقىدىن 19 ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان، ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ئومۇملاشتۇرۇپ يولغا قويۇشنى تېزلىتىشمۇ يېڭى ۋەزىيەتتە تاشقى سودىنى، چەتئەل مەبلىغىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ھەقىقىي ھەرىكەتكە ئايلانغان.

ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى ۋە يولغا قويۇلۇشى ئالاقىدار دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تاشقى سودىغا مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى ئۈنۈملۈك ئازايتتى.

يېڭى زېلاندىيەنىڭ سۈت پاراشوكى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ مېۋىلىرى، ئىسلاندىيەنىڭ سالمون بېلىقى، گىرۇزىيە ۋە چىلىنىڭ قىزىل ھارىقى قاتارلىق تاۋارلار بارغانسېرى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ئۆيىدە پەيدا بولماقتا، باھاسىمۇ خەلققە ياقماقتا.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جۇڭگونىڭ ئويۇنچۇق، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى، تۇرمۇش كۈندىلىك بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك ۋە ئاياغ، باش كىيىمى قاتارلىق تاۋارلىرىنىڭمۇ تاموژنا بېجى كەچۈرۈم قىلىندى ياكى تۆۋەن تاموژنا بېجى بىلەن بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بازارلىرىغا كىردى.

ئىستېمالچىلار تېخىمۇ مول تاللاشقا، كارخانىلار تېخىمۇ كەڭ بازارغا، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ھەمراھىغا ئىگە بولدى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر جۇڭگو 26 دۆلەت ۋە رايون بىلەن ئارقا-ئارقىدىن 19 ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان، ئەركىن سودا كېلىشىمىنى كېڭەيتىپ يولغا قويۇشنى تېزلىتىشمۇ يېڭى ۋەزىيەتتە تاشقى سودىنى، چەتئەل مەبلىغىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ھەقىقىي ھەرىكەتكە ئايلانغان.

中央广播电视总台 央广网 版权所有