13-يانۋار 138 بىمار كۆپەيدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:
دۆلەتلىك سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 14-يانۋار مۇنۇلارنى ئۇقتۇردى: 13-يانۋار سائەت نۆلدىن 24 كىچە، 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى دىياگنوز قويۇلغان 138 بىمارنىڭ كۆپەيگەنلىكىنى دوكلات قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا سىرتىدىن كىرگەن بىمار 14 بولۇپ، شاڭخەيدە سەككىزى، گۇاڭدۇڭدا ئۈچى، بېيجىڭدا بىرى، خېنەندە بىرى، گۇاڭشىدا بىرى بار، يەرلىك بىمار 124 بولۇپ، خېبېيدا 81 ى، خېيلۇڭجياڭدا 43 ى بار، بىر بىمار قازا قىلدى، بۇ يەرلىك بىمار بولۇپ، خېبېيدا، گۇمانىي بىمار كۆپەيمىدى.