ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزدە كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-14 15:03

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان، ئاشلىق بازىرىنىڭ تەمىناتى يېتەرلىك، يۈرۈشۈشى مۇقىم ئىكەن. بۇ يىل 5-يانۋارغىچە، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدىكى كارخانىلار جەمئىي 110 مىليون توننا كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بەش مىليون توننا ئاشۇرغان. سېتىۋېلىش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، بازارلاشتۇرۇپ سېتىۋېلىش نىسبىتى %98 كە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن سەككىز پوئىنت ئاشقان.

دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سېتىۋېلىش بازىرى مۇقىم، تەرتىپلىك، سۈپىتى ئەلا، باھاسى يۇقىرى بولۇش ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولدى. نۆۋەتتە، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا كەنجى سوقىچاق شالنىڭ ھەر توننىسىنىڭ ئوتتۇرىچە سېتىۋېلىش باھاسى 2796 يۈەن، يۇمىلاق شالنىڭ 2802 يۈەن، كۆممىقوناقنىڭ 2560 يۈەن، دادۇرنىڭ 5250 يۈەن بولدى.

ئاشلىق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە، 2020-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق بازىرىدا تەمىنات داۋاملىق يېتەرلىك، يۈرۈشۈشى مۇقىم بولدى. ئاشلىقنىڭ ئامبار زاپىسى بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيەدە تۇردى، بۇغداي، شال قاتارلىق ئاشلىق تۈرلىرى بىر يىللىق ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانىلارنىڭ تاۋار ئىسكىلات قالدۇقى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىزدە كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش مۇقىم، تەرتىپلىك بولدى

مۇخبىرنىڭ دۆلەتلىك ئاشلىق ۋە ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، نۆۋەتتە ئېلىمىزدە كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغان، ئاشلىق بازىرىنىڭ تەمىناتى يېتەرلىك، يۈرۈشۈشى مۇقىم ئىكەن.