ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ـ ۋىيېتنام خەلقئارا يولى مىلې-مېڭزى تۆمۈر يولىنىڭ ئەڭ ئۇزۇن تونېلى تۇتاشتۇرۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-14 15:32

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

14-يانۋار، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈر يولى كۈنمىڭ ئىدارىسى گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 14-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو تۆمۈر يولى 12-ئىدارىسى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان جۇڭگو-ۋىيېتنام خەلقئارا يولىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يۈننەن مىلې-مېڭزى تۆمۈر يولىدىكى ئەڭ ئۇزۇن تونېل جۇڭشياۋ تونېلى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن لىنىيەنىڭ 2022ـ يىلى پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشىغا ئاساس سېلىنغان.

جۇڭگو تۆمۈر يولى يولۇچى كۈنمىڭ ئىدارىسى گۇرۇھىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مىلې-مېڭزى تۆمۈر يولى ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى «چوڭ ئايلىنىش» نى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى «قوش ئايلىنىش»قا مۇلازىمەت قىلىشتىكى نۇقتىلىق تۈرى بولۇپ، نۆۋەتتە ھەر كۈنى 8000 دىن ئارتۇق قۇرۇلۇشچى تونېل قېزىش، كۆۋرۈك سېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى جىددىي ئىشلىمەكتە ئىكەن. قۇرۇلۇش پۈتۈپ قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، كۇنمىڭدىن مېڭزىغا ئىككى سائەت ئىچىدە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، يۈننەننىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي جەنۇبىدىكى ئىككى چوڭ شەھەرلەر توپى ئارىسىدىكى قولايلىق يولۇچىلار تىرانسپورت يولىغا ئايلىنىپ، لىنىيە بويىدىكى شەھەر ـ بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىش، ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدا تۈرتكىلىك رول ئويناپ، يۈننەننىڭ ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مەركىزىنى قۇرۇپ چىقىشىنى كۈچلۈك تىرانسپورت كۈچى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有