مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئارمىيە بويىچە قورال-جابدۇق كاپالىتىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلىدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:
يېقىندا مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى «ئارمىيە بويىچە قورال-جابدۇق كاپالىتىدىكى ئىلغار ئورۇن ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، 10 ئىلغار ئورۇن، 20 ئىلغار شەخسنى تەقدىرلىدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پۈتۈن ئارمىيەدىكى قىسىملار ۋە ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئۇلارنى ئۈلگە قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئۇرۇش تەييارلىقى، ئۇرۇش قىلىش ئاساسىي مەسئۇلىيىتى، ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى پائال ئۈستىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، جابدۇق كاپالەت تېخنىكىسىنى قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىپ، جابدۇق كاپالەت سەۋىيەسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، جابدۇق كاپالەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك قورال-جابدۇق كاپالىتى تىرىكىگە ئىگە قىلىپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا قورال-جابدۇق كاپالىتى خىزمىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.