ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز ئاپتوموبىل سانائىتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-21 17:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئېلىمىز ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ كۆلىمى مۇقىم ئاشتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، بىرلەشمە تورلاشتۇرۇش-ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى يېڭى تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلىنىپ، كەسىپ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى.

جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارى 25 مىليوندىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە يەنە بىر قېتىم ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان، ئاپتوموبىل كەسپىدە كۈچلۈك تەرەققىيات ئەۋرىشىملىكى ۋە ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئىپادىلەنگەن.

بۇ بەش يىلدا، جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتىكى بىرىنچى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىدا مۇقىم تۇرغان ئەھۋالدا، ئاپتوموبىل كەسپىدە ئاساسىي يېڭىلىق يارىتىش ۋە يادرولۇق تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى. يېقىندا، جۇڭگو ئېغىر ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتىدا، ئېنېرگىيە تېجەپ سەرپىياتنى تۆۋەنلىتىشتە يەنە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. خۇاڭخې يۈك ئاپتوموبىلى غول لىنىيەسى ئەشيا ئوبوروتى سۆرەش ئاپتوموبىلىنىڭ شامال توسۇش كوئېففىتسېنتى 0.4 تىن تۆۋەن بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاساسلىق مەھسۇلاتتىن %30 ئەتراپىدا تۆۋەن بولغان. ھەر يىلى 300 مىڭ كىلومېتىر يول يۈرۈش مۇساپىسى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئىشلەتكۈچىلەر 50 مىڭ يۈەندىن 60 مىڭ يۈەنگىچە يېقىلغۇ ماي چىقىمىنى تېجەپ قالالايدۇ.

يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشتىكى بۆسۈش ئەنئەنىۋى ئاپتوموبىل تىپىدىلا ئەمەس، يەنە «13-بەش يىل» مەزگىلىدە، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللاردىمۇ ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتتى. 2020-يىلى، بىر مىليون 366 مىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىلىپ، بىر مىليون 367 مىڭ ئاپتوموبىل سېتىلىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %7.5 ۋە %10.9 ئېشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مىقدارىدا تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلدى. يېقىندا، قىزىل بايراق، لەنتۇ قاتارلىق كۆپ خىل يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللار كۆرگەزمە قىلىنىپ، ئاساسلىقى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، كۆپ تۈرلۈك ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، بىرلەشمە تورلاشتۇرۇش يېڭى تېخنىكىسى نامايان قىلىندى.

نۆۋەتتە، G5، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ ئىقتىدارى ئاستىدا، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش-ئاپتوموبىل كەسىپ زەنجىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا. تيەنجىندە، 20 نەچچە شوپۇرسىز توكلۇق يۈك ساندۇق ئاپتوموبىلى تيەنجىن پورتىدا ئۇياق-بۇياققا چېپىپ يۈرمەكتە. ليۇجۇدا، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى شوپۇرسىز ئەشيا ئوبوروت لىنىيەسى قۇرۇلدى، 100 شوپۇرسىز ئەشيا ئوبوروت ئاپتوموبىلىنىڭ يۈرۈش مۇساپىسى 200 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بېيجىڭ، تيەنجىن، چاڭشا، شاڭخەي، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردا ئاپتوماتىك ھەيدەش سىناق رايونلىرى كەينى-كەينىدىن ئېچىلماقتا.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز ئاپتوموبىل سانائىتى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە، ئېلىمىز ئاپتوموبىل سانائىتىنىڭ كۆلىمى مۇقىم ئاشتى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازىرى