ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاممىغا ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش جەريانىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ھېس قىلدۇرۇلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-22 17:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

ئۆتكەن بىر يىلدا 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 90 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرغا خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسى سەۋەبىدىن پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرى ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى. بىر يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلق ئاممىسى نېمىگە قارشى تۇرسا، نېمىگە نەپرەتلەنسە شۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك نازارەتچىلىك ئارقىلىق ئاممىغا ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش داۋامىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇردى.

2020-يىلى 8-ئايدا، سىچۈەن ئۆلكىسى داجۇ شەھىرى چۈشەن ناھىيەسى جىنما كەنتىدە، ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىلىرى جىنما كەنتىنىڭ سابىق كەنت مۇدىرى ئىگىلىۋالغان 7000 يۈەن جامائەت پاراۋانلىقى ئورمىنى تولۇقلىما مەبلىغىنى 35 ئائىلىلىك دېھقانغا قايتۇرۇپ بەردى.

كەنت مۇدىرى خىيانەت قىلغان جامائەت پاراۋانلىقى ئورمىنى تولۇقلىما پۇلى قارىماققا كۆپ ئەمەستەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن خاراكتېرى يامان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆچەت تىكىپ ئورمان مۇھاپىزەت قىلىش ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكۈزدى، شۇنداقلا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئوبرازىغا زىيان يەتكۈزۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ساپلىقىغا تەسىر يەتكۈزدى. ئۆتكەن بىر يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش قولغا كەلتۈرۈلگەن بىر يىل بولدى، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى، مۇقىملىقىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش، ئىقتىسادىي تەپتىش، مالىيە قاتارلىق ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ ۋە ماسلىشىپ، مەسىلە يىپ ئۇچىنى «ئەڭ يۇقىرى چەك» كە يەتكۈزۈپ، رەقەملىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردى.

2020-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى خىيانەتچىلىك، ئىگىلىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش قاتارلىق چىرىكلىك مەسىلىسى ۋە ساختا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق ئىستىل مەسىلىسىدىن 56 مىڭ 900 نى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 85 مىڭ كىشىگە تەنقىد-تەربىيە ئارقىلىق ياردەم بەردى ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 35 مىڭ 700 كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بەردى.

ئىش ھەر بىر كىچىك ئىشتىن باشلاپ تۇتۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تىرىشىپ ئۆستۈرۈلدى.

2020-يىلى ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئۈچ چوڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش قاتارلىقلارنى زىچ چۆرىدەپ، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش، ساختا ئىش قىلىشنى زور كۈچ بىلەن تۈزەپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق ۋە ساختىلىق قىلىش قاتارلىق ئىستىل مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاخىرقى يىلدا ئىستىلنى ياخشىلاش، باتۇرلۇق بىلەن ئىش قىلىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جەزمەن تەكشۈرۈش، ئىسمىنى ئاتاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلىدى.

2020-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن 117 مىڭ 698 ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 170 مىڭ 839 پارتىيەلىك كادىرغا تەنقىد-تەربىيە ئارقىلىق ياردەم بېرىلدى ۋە بىر تەرەپ قىلىندى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مائارىپ، داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش، كۈتۈنۈش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىلىرىنى داۋاملىق تۈزىتىپ، خەلقنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىنىڭ «جىددىي، قىيىن ئىشلىرى، غەم ئەندىشىسى ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرى»نى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. 2020-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىدىن 104 مىڭ 600ى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى، 149 مىڭ 500 كىشىگە تەنقىد-تەربىيە ئارقىلىق ياردەم بېرىلدى ۋە بىر تەرەپ قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە 92 مىڭ كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاممىغا ئىستىلنى توغرىلاش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش جەريانىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ھېس قىلدۇرۇلدى

ئۆتكەن بىر يىلدا 11-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 90 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرغا خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسى سەۋەبىدىن پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرى ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى.