ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدا 2020-يىلى ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى ئالتە مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-01-22 17:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 22-يانۋار بېيجىڭ خەۋىرى:

2020-يىلى شىنجاڭ ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرگە جەمئىي يەتتە مىليارد 773 مىليون يۈەن ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئالتە مىليون 216 مىڭ 900 ئادەم قېتىم ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزدى.

2020-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچىلارغا مەبلەغ ياردەم بېرىش مەركىزى مەبلەغنى ئالدىن ئاجرىتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، مەكتەپ قاتارلىق تۈرلۈك ياردەم بېرىش تۈرلىرى ۋە مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرمۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلدى.

بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 2465 ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا «يېشىل يول» ئارقىلىق مەكتەپكە كىرىش، رويخەتكە ئالدۇرۇش رەسمىيىتى بېجىرىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ سەككىز مىليون 900 مىڭ يۈەن ئوقۇش پۇلى ۋە ياتاق پۇلىنى كېچىكىپ تاپشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلغان، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت پائال قاتناشقان «كەچۈرۈم قىلىش، مۇكاپاتلاش، ياردەم بېرىش، قەرز بېرىش، تولۇقلىما بېرىش» تىن ئىبارەت كۆپ تەرەپلەر بىر گەۋدىلەشكەن ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مائارىپ باسقۇچىدا تولۇق قاپلاش، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ۋە پۇقراۋى مەكتەپلەردە تولۇق قاپلاش، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق قاپلاشتىن ئىبارەت «ئۈچ تولۇق قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇرغان. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى «تۆتنى ئېلىۋەتمەسلىك» تەلىپى بويىچە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەنلەر قاتارلىق ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، 2021-يىلى مۇناسىپ ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭدا 2020-يىلى ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى ئالتە مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى

2020-يىلى شىنجاڭ ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرگە جەمئىي يەتتە مىليارد 773 مىليون يۈەن ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئالتە مىليون 216 مىڭ 900 ئادەم قېتىم ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزدى.