ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىلىشى، چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-10 15:53

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىلىشى، چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتناشتى
 

 2-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 2020-يىللىق ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى شۇجىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇشتىن بەرگەن خىزمەت دوكلاتىنى باھالاش-تەكشۈرۈش سىن يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتناشتى. مەركىزىي كومېتىت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ يېتەكچىلىك قىلدى.

يىغىندا 14 ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كومىتېتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خىزمەت دوكلاتى بەردى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، ئالاقە تورى ئۇچۇر خىزمىتى كومىتېتى يازما دوكلات بەردى. چېن چۈەنگو بىر-بىرلەپ باھا بەردى.

چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-، 4-، 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى شۇجىلىرىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىلىشى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن مەركىزىي خىزمەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

بىرىنچىدىن، مۇتلەق سادىق بولۇشنى ساقلاپ، سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي چۈشىنىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تەشەببۇس قىلغانغا قەتئىي ئاۋاز قوشۇش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى قارار قىلغاننى قەتئىي ئىجرا قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەنئى قىلغاننى قەتئىي قىلماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم-كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

ئىككىنچىدىن، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى چىڭىتىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش، ئومۇملاشتۇرۇش، تەتقىق-مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە سىجىل كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىپ، ئۈزلۈكسىز ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز چۈشىنىپ، تىرىشىپ ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

ئۈچىنچىدىن، گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپىسى)لىرى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، دەرىجىمۇ دەرىجە تۇتۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتلاممۇ قاتلام تۇتۇشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىلىرى شۇجى تۇتۇش، شۇجىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئەمەلىي تۇتۇشى، ئىنچىكە تۇتۇشى، جايىدا تۇتۇشى كېرەك؛ ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت «مەسئۇلىيەت ئېتىزى»نى ياخشى تېرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىلىشى، چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

تۆتىنچىدىن، كۈچنى مۇقىملىق، تەرەققىياتقا مۇجەسسەملەپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «14-بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش، قەدەمنى ياخشى ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

بەشىنچىدىن، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتىدىغان روشەن يۆنىلىشنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، كۈچەپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى سىجىل تەرتىپكە سېلىپ، كەنت دەرىجىلىك زاپاس كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك؛ پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنى زورايتىش كېرەك.

ئالتىنچىدىن، ئىستىلنى سىجىل ياخشىلاپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئاممىۋى لۇشيەننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۈپ جانىجان مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇش كېرەك؛ ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىش بەلگىسىنى ياخشى تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، روشەن يۆنىلىش تۇرغۇزۇپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىشقا، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى سىجىل يېنىكلىتىش كېرەك؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا، شەمشەرنى ئېگىز كۆتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك ۋە ناتوغرا ئىستىللارنى قەتئىي تۈزەپ، پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار، ئورۇنلار، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپىسى)لىرىنىڭ شۇجىلىرى، قىسمەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيەلىك كادىرلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندا، خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەن يولداشلارنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش ئەھۋالىغا قارىتا باھالاش ئېلىپ بېرىلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلامغىچە ئۇزارتىلىشى، چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك

2-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 2020-يىللىق ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى