«2020 يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى»ئۆتكۈزۈلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 18-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
«2020-يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخسلەرنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى» 2-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچ سائەت 8 دە مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال قانىلىدا كۆرسىتىلدى. كېسىلى ئېغىر تۇرۇپمۇ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرغان «خەلق قەھرىمانى» جاڭ دىڭيۈ، ئاممىنى قۇتقۇزۇش يولىدا كەلكۈندە قۇربان بولغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى چېن لۇ، تاغلىق رايوندىكى قىزلارنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەن مەكتەپ مۇدىرى جاڭ گۇيمېي، مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش ئاشخانىسى ئېچىپ سانسىزلىغان كىشىلەرگە ئىللىقلىق ئاتا قىلغان ئەر-خوتۇن ۋەنزوچېڭ بىلەن شيۇڭ گېڭشياڭ، جەڭدە ئاجايىپ تۆھپە قوشقان پىدائىيلار ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمانى ۋاڭ خەي، يۇقۇمدا پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلغان ۋە تېببىي خادىملارنى قوغدىغان تىز يەتكۈزۈش خادىمى ۋاڭ يۇڭ، ۋاقىت بىلەن بەسلەشكەن «يەتىكەن» 3-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى شيې جۈن، ئۆمۈر بويى جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تارقىتىشقا كۈچ چىقارغان ئايال ئالىم يې جيايىڭ، تىك قىيادىن يول ئېچىپ كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىگەن زامانىمىزدىكى «يۈگوڭ» ماۋ شياڭلىن، خەتەردىن قورقماي ۋەتىنىمىز تاغ دەريالىرىنى ئۆلچىگەن، 67 يىل باش مەقسەتتە چىڭ تۇرغان دۆلەت زېمىنىنى ئۆلچەش 1-چوڭ ئەترىتى «2020-يىللىق جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.