«يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىكرى» چىقىرىلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
گوۋۇيۈەن يېقىندا «يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەققىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى چىقاردى.
«يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ يېشىل تەرەققىياتىنى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
«يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2025-يىلىغىچە، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسى، تىرانسپورت قۇرۇلمىسى كۆرۈنەرلىك سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىدا يېشىلغا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، ئوبوروت سىستېمىسى، ئىستېمال سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈرۈلىدۇ. 2035-يىلىغىچە، يېشىل تەرەققىياتنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلۇپ، يېشىل كەسىپ كۆلىمى يېڭى سەۋىيەگە يەتكۈزۈلۈپ، نۇقتىلىق كەسىپ، نۇقتىلىق مەھسۇلاتلاردا ئېنېرگىيە بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى خەلقئارانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت تۈپتىن ياخشىلىنىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش نىشانى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.
«يېتەكچى پىكىر»دە نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى ئالتە جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى سان ۋە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا ئورۇنلاش تەلەپ قىلىندى.