ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مەنزىل ئېچىش- باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كىشىلەرنى ھاياجانغا سالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-24 17:22

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 24-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان 100 يىل، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان 100 يىل، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ، كەلگۈسىنى يارىتىدىغان 100 يىل. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىپ، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى تىرىشىپ باشلايمىز.

تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك، شۇنداقلا ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز ئەزەلدىن پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ نەتىجىلىرى ئارقىلىق كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇرغۇتۇپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا، پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەشكە، پارتىيەنىڭ ئەمەلىيەت ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتنى قېزىپ، پەزىلەتنى چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى.

ئۆتمۈشتىكى كۈرەش يولىمىزغا، ئالدىمىزدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىمىزغا نەزەر سېلىپ، پارتىيە تارىخىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى يەكۈنلەپ، پارتىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئىلگىرى «7ـ ئىيۇل ۋەقەسى»نى باشتىن كەچۈرگەن 90 ياشلىق پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى جېڭ فۇلەي لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىگە چىقىپ، ساياھەتچىلەرگە لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىدە يۈز يىلدىن بۇيان بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلەر ۋە غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى خالىس چۈشەندۈردى.

ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىش، خەلقنى باشتىن-ئاخىر قەلب تۆرىگە قويۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىش كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان،خەلق تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

100 يىللىق ئادەتتىن تاشقىرى كۈرەش مۇساپىسىدە، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، بىر قاتار ئۇلۇغ روھنى يارىتىپ، جۇڭگو كومۇنستلىرىنىڭ روھىي سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قىزىل ئەنئەنىنى زور كۈچ بىلەن جارى قىلدۇرۇپ، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنقىلابچىلارنىڭ قورقماس كۈرەش روھى ئارقىلىق ئەمەلىي ئىش قىلىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمىز.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن يېڭى مەنزىل ئېچىش- باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى كىشىلەرنى ھاياجانغا سالدى

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىدىغان 100 يىل