«كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى جۇڭگو» ئىجادىيەت سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 25-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى:
ئىستانسىمىز 24-فېۋرال «كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى جۇڭگو» ئىجادىيەت سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىنغا قاتناشقان مۇتەخەسسىس، ئالىملار: مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يىلتىزى ۋە روھى، دېدى.
«كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى جۇڭگو» ئىستانسىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ھازىرقى زامانلاشتۇرۇپ تارقىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىدىكى يەنە بىر قېتىملىق پايدىلىق سىناق بولۇپ، پىروگراممىدا يېڭىلىق يارىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوخشىمىغان ياش، ئوخشىمىغان بىلىم دائىرىسىدىكى جۇڭگولۇقلارغا شانلىق ئۆتمۈشىمىز كۆرسىتىلىپ ھەمدە چوڭقۇر جەلپ قىلىنىپ، تاماشىبىنلار بولۇپمۇ ياشلار خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىش، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر جۇڭخۇانىڭ شانلىق مەدەنىيىتىگە ئاڭلىق ۋارىسلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ.
يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە «كىلاسسىك ئەسەرلەردىكى جۇڭگو» بىر خىل كىلاسسىك چۈشەندۈرۈش ۋە بىلىم تارقىتىشنىڭ يېڭىچە ئۇسۇلىنى ياراتقان بولۇپ، قەدىمىي كىتابلار، ئىلىم-پەن ۋە مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى ئىكەن.