ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ چىشەن خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-03-07 14:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. ئۇ: يۈز يىللىق پارتىيە تارىخىدىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ ئېلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق گۈللىنىش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

ۋاڭ چىشەن ۋەكىللەرنىڭ سۆزلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا خەلق رازى بولغان، دۇنيا كۆز تىككەن، تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلىدىغان نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات، «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلان ۋە 2035-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسى نىشان پىروگراممىسىدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىندى، بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قارىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى بىر قاتار زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، مەن بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن.

ۋاڭ چىشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ يۈز يىللىقى. پارتىيەنىڭ يۈز يىللىق تارىخىي مۇساپىسى ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلگەن، پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنىڭ نەتىجىسى ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلىنغان كۈرەش تارىخى. يېڭى دەۋر يېڭى ئىدىيەنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، يېڭى ئىدىيە يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىمى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن مەسىلىنى تەھلىل ۋە ھەل قىلىشنىڭ يۆنىلىشى، ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، قىيىن ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش؛ تەشكىل ۋە تۈزۈم ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ۋاڭ چىشەن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئىلمىي روھقا ئىگە بولۇش، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، توغرا بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىدىيەۋى نەزەرىيەنىڭ تومۇرىنى ۋە تارىخ، مەدەنىيەت مەنبەسىنى بىلىش، بۇنىڭغا سىڭگەن ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇلنى ئىگىلەش؛ «كۆڭۈل قويۇپ» ئۆگىنىپ، بىلىش بىلەن ھەرىكەتنىڭ بىردەك بولۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىدىيەۋى ئاڭنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي بىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە، سىياسىي، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ چىشەن خۇنەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۆزى تۇرۇشلۇق 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى