ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

【شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە-يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش】چۇڭچىڭ: بازار رىقابەت كۈچى كۈچلۈك زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-02 10:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

چۇڭچىڭ شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىپ، بۈيۈك سانلىق مەلۇمات، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.

يېقىندا چۇڭچىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان بىرلەشمە مىكرو ئېلېكتىرون مەركىزى مەملىكەت بويىچە تۇنجى بولۇپ پۈتۈن دۇنيانى سىلىتسىيلىق فوتو ئۆزەك سىناق ئۆزەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئاتالمىش «سىناق ئۆزەك» مۇلازىمىتى ئۆزەكنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىپ، ئۆزەك لايىھەسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئۆلچەشنى كۆرسىتىدۇ، پەقەت سىناقتىن ئۆتكەندىلا ئاندىن كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدۇ. بۇ مۇلازىمەت ئىلگىرى ئېلىمىز فوتو ئۆزەك كارخانىلىرىنى قىيناپ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلە ئىدى.

ئۆزەكنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىش چېرتيوژنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، ئۆزەك ياساشنىڭ يۇقىرى تۆۋەن ئېقىمىنى تۇتاشتۇرۇپ، پۈتكۈل كەسىپنى جانلاندۇردى. نۆۋەتتە، بۇ مەركەز دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى 50 نەچچە كارخانا بىلەن سىناق ئۆزەك مۇلازىمىتى ئىمزالاپ، چۇڭچىڭ مىكرو ئېلېكتىرون ئۇچۇر كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى پەللىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2019-يىلى 4-ئايدا چۇڭچىڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، تەمىنات ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، بازار رىقابەت كۈچى كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. چۇڭچىڭ شەھىرى باش شۇجىنىڭ يوليورۇقىنىڭ تەلىپى بويىچە، بۈيۈك سانلىق مەلۇمات، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدى. چۇڭچىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ يەردە گەرچە كەسىپ تۈرلىرى كۆپ، ئاساسى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما بايلىق سېلىنمىسى ئوخشاش بولۇش خاھىشىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنىدا ئوخشاش بولمىغان تەرەققىياتنىڭ بارلىقىنى بايقىدى، شۇڭا چۇڭچىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شەھەر بويىچە تۇنجى بولۇپ «زەنجىر باشلىقى تۈزۈمى»نى يولغا قويدى. يېقىندا مىكرو ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز ئاساسلىق كەسىپ زەنجىرى ئۆزلىرىنىڭ «زەنجىر باشلىقى»نى كۈتۈۋالدى.

«زەنجىرى باشلىقى» باشلامچى بولغاندىن كېيىن، كەسىپ زەنجىرىنى تولۇقلاپ كۈچەيتىش، تولۇقلاش خىزمىتى تېخىمۇ نىشانلىق ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئاقىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىش جەريانىدا مەبلەغ قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، «زەنجىر باشلىقى»نىڭ ياردىمى ئارقىلىق، مەسىلە ناھايىتى تېزلا ھەل قىلىندى.

2020-يىلى بۇ كارخانىنىڭ سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 116 مىليارد 471 مىليون يۈەنگە يېتىپ، چۇڭچىڭدىكى تۇنجى 100 مىليارد دەرىجىلىك ئېلېكتىرون ياسىمىچىلىق كارخانىسى بولۇپ قالدى.
نۆۋەتتە، چۇڭچىڭ كەسىپ قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى پەللىسىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدىغان كارخانىدىن 89نى ئورۇنلاشتۇردى، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلاردىن 1500دىن كۆپرەكنى توپلىدى، ھالقىلىق تېخنىكىدا 232 مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، كەسىپ زەنجىرىدە يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

چۇڭچىڭ كەسىپ زەنجىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كۈچەيتىش، تولۇقلاش بىلەن بىرگە يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق شۇ جاينىڭ تۈۋرۈك كەسپى بولغان ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى.

چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونىدا، بۇ ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بۈيۈك سانلىق مەلۇمات توپلاشتىن پايدىلىنىپ، ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلار ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئېھتىياج، تېخىمۇ ئەلالاشقان ئېغىر تىپتىكى يۈك ئاپتوموبىلى زاكاز قىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، بۇ كارخانىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئافرىقا بازارلىرىدىكى سېتىش مىقدارى 13مىڭدىن كۆپرەككە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %127ئاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، چۇڭچىڭ لياڭجياڭ يېڭى رايونىدىكى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىقلىشىش نىسبىتى %95تىن ئاشتى.

دىققەتنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان كەسىپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش ئارقىلىق چۇڭچىڭ جەمئىي 33 نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىنى رەتلەپ چىقىپ، كەسىپ زەنجىرىنى تولۇقلاش، كۈچەيتىشنى سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، چۇڭچىڭ شەھىرىدىكى كۆلەملىك سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى %56.7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىدىن 21.6 پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە 2-ئورۇندا تۇردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

【شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە-يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش】چۇڭچىڭ: بازار رىقابەت كۈچى كۈچلۈك زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلدى

چۇڭچىڭ شەھىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىپ، بۈيۈك سانلىق مەلۇمات، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلغان يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەرنىڭ قىممەت زەنجىرىنىڭ ئوتتۇرا يۇقىرى پەللىسىگە چىقىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.