ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

فلويد دېلوسى داۋاملىق سوت قىلىنماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-02 10:41

شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاپرېل، ئامېرىكىنىڭ «فلويد دېلوسى» ئۈستىدىكى سوت 4-كۈنىگە قەدەم قويدى، نۇرغۇن گۇۋاھچىلار سوتتا، ئۆزلىرىنىڭ دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندا فلويدنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن سوتتا نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر ئاشكارا كۆرسىتىلىپ، فلويدنىڭ دەسلەپتە ساقچىلار بىلەن ئۇچراشقاندىن تارتىپ، قازا قىلغانغا قەدەر بولغان ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلار نامايان قىلىنغان ئىدى. بۇ كۆرۈنۈشتە، دېلوغا چېتىشلىق بىر قانچە ساقچى فلويدنى ساقچى ماشىنىسىغا مەجبۇرىي چىقارماقچى بولغان، فلويد ناھايىتى ئازابلانغان. ئارقىدىن، دېلوغا چېتىشلىق ساقچى دېرىك چاۋۇن فلويدنى يەرگە نىقتاپ بېسىپ، مەجبۇرىي كونترول قىلغان، بۇ جەرياندا فلويد ساقچىلاردىن كۆپ قېتىم كەچۈرۈم سورىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ نەپەس ئالالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە، دېرىك چاۋۇن 2-دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى، 3-دەرىجىلىك قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ۋە 2-دەرىجىلىك سەۋەنلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى. فلويد ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئادۋوكاتى بۇ دېلونىڭ ئامېرىكا ساقچىلىرىنىڭ ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان ئامېرىكىلىقلارغا مۇئامىلە قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

فلويد دېلوسى داۋاملىق سوت قىلىنماقتا

شۇ جاي ۋاقتى 1-ئاپرېل، ئامېرىكىنىڭ «فلويد دېلوسى» ئۈستىدىكى سوت 4-كۈنىگە قەدەم قويدى، نۇرغۇن گۇۋاھچىلار سوتتا، ئۆزلىرىنىڭ دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندا فلويدنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتتى.