ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ مەملىكەت بويىچە دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىجتىمائىي ئىشلارنى بېجىرىش فۇنكسىيەسىدىن ئايرىش ۋە تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنىغا مۇھىم تەستىق سالدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-02 10:41

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىجتىمائىي ئىشلارنى بېجىرىش فۇنكسىيەسىدىن ئايرىش ۋە تارىختىن قېلىپ قالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى 1-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ مۇھىم تەستىق سالدى. تەستىقتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىجتىمائىي ئىشلارنى بېجىرىش فۇنكسىيەسىدىن ئايرىش ۋە تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چىقارغان مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرما. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئالاقىدار دۆلەت كارخانىلىرى داۋاملىق قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆپ يىللاردىن بۇيان دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى چەكلەپ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلدى. جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن يولداشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن! شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، قېپقالغان قىيىن نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىجتىمائىي ئىشلارنى بېجىرىش فۇنكسىيەسىدىن ئايرىش ۋە تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تاماملاش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك پۇختا ئىشلەپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تۈگىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇش، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك!

دۆلەت كومىسسارى، گوۋۇيۈەن دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ مەملىكەت بويىچە دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىجتىمائىي ئىشلارنى بېجىرىش فۇنكسىيەسىدىن ئايرىش ۋە تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە ـ تېلېفون يىغىنىغا مۇھىم تەستىق سالدى

دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىجتىمائىي ئىشلارنى بېجىرىش فۇنكسىيەسىدىن ئايرىش ۋە تارىختىن قېلىپ قالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى 1-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى.