ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

【100 يىللىق كۈرەش يولىدا يېڭى مۇساپە ئېچىش-پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش】 ئۇلۇغ روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-02 16:47

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 2-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەش، پارتىيەنىڭ ئەمەلىي ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى چېنىقتۇرۇش كېرەك. جايلار مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قارىتىپ، دۇرۇس بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق، تولۇق ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 1-شىسى 359-لۈسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش خاتىرە سارىيىدا، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەڭچىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى شىنجاڭغا ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن كادىرلارغا پېشقەدەم بىر ئەۋلاد بوز يەر ئۆزلەشتۈرگۈچىلەرنىڭ جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەپ، چېگرا رايوننى قۇرغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بەرمەكتە ئىدى. 1950-يىلى شىنجاڭ ھەربىي رايونى 1-نومۇرلۇق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بارلىق ھەربىيلەردىن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا بىردەك قاتنىشىشنى تەلەپ قىلدى. قەھرىمانلار لۈيى 359- لۈيىدىكى جەڭچىلەر ھەربىي فورمىسىنى سېلىپ، قوللىرىغا ئوتىغۇچ ئالدى، ئۆيى بولمىسا، گەمە كولاپ ئولتۇردى، سۇ مەنبەسى بولمىسا ئورەك كولاپ يامغۇر سۈيىنى يىغىپ، چۆل-باياۋاندا نەچچە مىڭ مو مۇنبەت ئېتىز ئاچتى.

كىنو كۆرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش.

نۇرغۇن جايلار جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇنەۋۋەر فىلىملىرىنى قويۇش پائالىيىتىنى باشلىدى. گۇاڭدۇڭدىكى 21 ۋىلايەت، شەھەر بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى كىلاسسىك كىنولارنى كۆرۈپ، پارتىيە قۇرۇلغان 100 يىلدىكى قاينام ـ تاشقىنلىق يىللارنى ئەسلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. فۇجيەن ھەر قايسى رايون، ناھىيەلەردە «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش ئېكرانى» تەسىس قىلىپ، 100 دىن ئارتۇق نادىر قىزىل فىلىمنى تاللاپ كۆرسەتتى، يەنە 790 ئاممىۋى پاراۋانلىق كىنو قويۇش ئەترىتى تەشكىللەپ، يېزا-كەنت، مەكتەپ، زاۋۇت-كان، ھەربىي گازارمىلارغا چوڭقۇر چۆكتى.

ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش تەربىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ، قىزىل گېن، ئىنقىلابنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش.

بېيجىڭدا پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پۈتۈن شەھەردىكى 3 مىليوندىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىنى قاپلىدى. ھەر قايسى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر تىل-ئەدەبىيات، سىياسەت، تارىخ قاتارلىق دەرسلەرنىڭ ئوقۇتۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» تېمىسىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆرگەزمىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيە تارىخىدىن ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ ـ قۇۋۋەت ئېلىشقا يېتەكلىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

【100 يىللىق كۈرەش يولىدا يېڭى مۇساپە ئېچىش-پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش】 ئۇلۇغ روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش

پارتىيەنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى ۋە ئېسىل ئىستىلى ئارقىلىق ئېتىقادنى چىڭىتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەش، پارتىيەنىڭ ئەمەلىي ئىجادىيىتى ۋە تارىخىي تەجرىبىلىرى ئارقىلىق ئەقىل-پاراسەتنى ئۇرغۇتۇپ، پەزىلەتنى چېنىقتۇرۇش كېرەك.