ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشىدىكى جۇڭگو ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-06 16:18

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 6-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئاپرېل «ئىنسانلارنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىشىدىكى جۇڭگو ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا 100 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، نامراتلىققا قارشى كۈرەش قىلغانلىقى، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى جەڭگە نازارەتچىلىك قىلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىدەك ھەيۋەتلىك ئۇلۇغ مۇساپە ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە دۇنيانىڭ تۆھپىسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىغان جۇڭگو كۆك نامراتلىقنى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»دىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇردى، بۇ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە چوڭ ئىش بولۇپلا قالماي، يەنە ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخى، ھەتتا ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى چوڭ ئىش بولۇپ، دۇنيانىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى.

ئاق تاشلىق كىتاب مۇقەددىمە، خاتىمىدىن باشقا، يەنە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى، يېڭى دەۋردىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىنى يولغا قويۇش، ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشى ئۈچۈن يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىش، قول تۇتۇشۇپ نامراتلار بولمىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇش دېگەن جەمئىي بەش قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىشىدىكى جۇڭگو ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 6-ئاپرېل «ئىنسانلارنىڭ نامراتلىقنى ئازايتىشىدىكى جۇڭگو ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى.