ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن جۇڭگوغا نەزەر» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-04-07 09:07

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تەشكىللىگەن «يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن جۇڭگوغا نەزەر» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى 6-ئاپرېل شاڭخەيدىكى شاڭخەي-جيادىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ كونا ئورنىدا باشلاندى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ئومۇمىي مۇساپىسى 160 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، كەلگۈسىدە، دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى پۈتۈن مەملىكەتتىكى %90 ناھىيە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونغا بىۋاسىتە مۇلازىمەت قىلىدۇ ۋە بۇ جايلارنى قاپلايدۇ.

شاڭخەي-جيادىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش ئىنژېنېرى جاڭ كۇيخۇڭنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە، 30 نەچچە يىل ئىلگىرى شاڭخەي-جيادىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى جيادىڭغا بارىدىغان شاڭخەي-يىشىڭ تاشيولىغا تۇتاشتۇرۇلغان، يولنىڭ دەرىجىسى تۆۋەن بولۇپ، ئاپتوموبىللار ئىنتايىن قىستا-قىستاڭ ئىدى.

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول باشقۇرغۇچىلار ۋە پۇقرالارنىڭ «سۈرئەت»كە بولغان تونۇشىنى يېڭىلىدى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن ھازىرغىچە، ئېلىمىزنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن ھالقىما تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈردى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، دۆلەت يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى ئاساسەن پۈتۈپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا «بىر تور»لۇق قاتناش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

بۇ يىل 2-ئايدا، ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك يىرىك پىلان پىروگراممىسى بولغان «دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورى يىرىك پىلان پىروگراممىسى» رەسمىي چىقىرىلىپ، 2035-يىلىغىچە، قولاي، راۋان، تېجەشلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يېشىل، تۈجۈپىلىك، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، ئىلغار، بىخەتەر، ئىشەنچلىك زامانىۋى، يۇقىرى سۈپەتلىك دۆلەت ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش تورىنى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

بۇ قېتىمقى «يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن جۇڭگوغا نەزەر» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلايدۇ، مەركەز ۋە يەرلىكتىكى تاراتقۇلار باۋتۇ-ماۋمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، شاڭخەي-چۇڭچىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى قاتارلىق 22 لىنىيەنى بويلاپ، بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ھەمتۈرتكە بولۇش، زىيارەت قىلىش، خەۋەر بېرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق نامايان قىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن جۇڭگوغا نەزەر» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى باشلاندى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە تەشكىللىگەن «يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدىن جۇڭگوغا نەزەر» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى 6-ئاپرېل شاڭخەيدىكى شاڭخەي-جيادىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ كونا ئورنىدا باشلاندى.