جۇمھۇرىيەت مىنىستىرلىرى مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
2021-يىللىق جۇمھۇرىيەت مىنىستىرلىرى مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتى 10-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ شەھىرى داشىڭ رايونى لىشيەن بازىرى لىنكۇڭ رايونىدىكى ئارام باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ھەم بېيجىڭ شەھىرىدىكى 122 مىنىستىر دەرىجىلىك رەھبىرى كادىر مەجبۇرىي كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشتى. «كۆچەت تىكىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، گۈزەل جۇڭگونى بىرلىكتە قۇرۇش»-بۇ يىللىق پائالىيەتنىڭ باش تېمىسى بولدى.