ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز نوپۇسى ئون يىلدىن بۇيان تۆۋەن سۈرئەتتە ئېشىش داۋاملىق ھالىتىنى ساقلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 16:30

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

7-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلىندى. پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسى جەمئىي بىر مىليارد 411 مىليون 780 مىڭ بولۇپ، 2010-يىلىدىكى بىر مىليارد 339 مىليون 720 مىڭ نوپۇسقا سېلىشتۇرغاندا، 72 مىليون 60 مىڭ ئادەم كۆپىيىپ، % 5.38 ئاشقان، يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %0.53 بولغان. ئېلىمىزنىڭ نوپۇس ئاساسى سانى چوڭ، نوپۇسى كۆپ بولۇشتەك تۈپ دۆلەت ئەھۋالى ئۆزگەرمىدى، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىچكى بازار ئەۋزەللىكى ئۇزاققىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، نوپۇس بىلەن بايلىق مۇھىتى يەنىلا مەھكەم تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نوپۇسنىڭ ئېشىشى ئاستىلىدى، شۇڭا تەدبىر قوللىنىپ نوپۇسنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەكشى تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئۆتكەن ئون يىلدا، ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %0.53 بولۇپ، ئالدىنقى ئون يىلدىكىدىن %0.04 تۆۋەنلىدى. گوۋۇيۈەن 7-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نىڭ جىجې بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار، بولۇپمۇ تۇغۇشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلدىكى ئاياللارنىڭ سانى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، يەنە كىشىلەرنىڭ تۇغۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈشى ھەم تۇغۇش، بېقىش تەننەرخىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق ئامىللارمۇ بار.

نۆۋەتتە، ئېلىمىزدە 60 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نوپۇسنىڭ نىسبىتى %18.70 كە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە 65 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نوپۇسنىڭ نىسبىتى %13.50 كە يېتىپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى يەنىمۇ كۈچەيدى. نىڭ جىجې مۇنداق دېدى: نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى-جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم يۈزلىنىشى شۇنداقلا بۇندىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدىكى ئېلىمىزنىڭ تۈپ دۆلەت ئەھۋالى، بۇ-ھەم خىرىس ھەم پۇرسەت.

2010-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا، ھەر 100 مىڭ ئادەم ئىچىدە ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە بولغانلار 8930 دىن 15 مىڭ 467 گە ئۆرلىدى، 15 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نوپۇسنىڭ ئوتتۇرىچە تەربىيەلىنىش يىل چېكى 9.08 يىلدىن 9.91 يىلغا ئۆستى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باش ئىستاتىستىكىچىسى زېڭ يۈپىڭ 880 مىليون ئادەمدىن ئىبارەت ئەمگەك كۈچى بايلىقى يەنىلا مول بايلىق دېدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز نوپۇسى ئون يىلدىن بۇيان تۆۋەن سۈرئەتتە ئېشىش داۋاملىق ھالىتىنى ساقلىدى

7-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلىندى