ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھۆكۈمەت ئالاھىدە تولۇقلىما تۈزۈمى يۇقىرى قاتلاملىق، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 16:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ماي بېيجىڭ خەۋىرى:

5-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھۆكۈمەت ئالاھىدە تولۇقلىما تۈزۈمى يۇقىرى قاتلاملىق، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا جاڭ جىپىڭ، بۇ شيەنچۈن، ۋۇ چېن، ۋاڭ چۇڭ، لى پېي قاتارلىق ھۆكۈمەت ئالاھىدە تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولىدىغان يۇقىرى قاتلاملىق كەسپىي تېخنىكا، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى ھەمدە ئالاھىدە تولۇقلىما تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي تەتقىقاتنى كۈچەيتىش، ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى ۋە ياش ئىختىساسلىقلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، خەلقئارا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. لى كېچياڭ كۆپچىلىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئالاھىدە تولۇقلىما ئالىدىغان ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قوشقان تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ئالاقىدار تارماقلاردىن كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تولۇقلىمىسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەش، كۆڭۈل بۆلۈش، قوللاشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى، يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيان كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ تۈزۈم ماددىي مۇكاپاتقا ئەھمىيەت بەرمەي، شان-شەرەپ ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتتى، پەن تەتقىقات خادىملىرى ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا پائال ئاتلىنىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

يېڭى ۋەزىيەتتە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىختىساسلىقلارغا، ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك خەلق ئاممىسىغا تايىنىش كېرەك. جۇڭگوغا ئوخشاش 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسقا ئىگە چوڭ دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان، نۇرغۇن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئەمما مول ئادەم كۈچى، ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئەۋزەللىكىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرساقلا، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىيەلەيمىز. ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەپ، ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش ۋە ئىشلىتىش جەھەتتە بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئىختىساسلىقلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدىغان، سەرخىل ئىختىساسلىقلار ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشتە ئاساسىي ماھارەت مەشىقىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسنى قەدەممۇ قەدەم پۇختىلاپ، ئاساسىي بىلىم ۋە نەزەرىيەنى ئۆگىنىش، ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ئائىت كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، نەتىجىسى ئۇزۇندا كۆرۈلىدىغان ئاساس تەتقىقاتنى قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىلىم-پەن روھى، ھۈنەرۋەن روھى، كەسپىي روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىشقا ئىنتىلىدىغان، ھۈنەردە كامالەتكە يەتكەن تېخىمۇ كۆپ ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئالاھىدە تولۇقلىما تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى بەس-بەستە ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشقا، ھەر كىم ئۆز قابىلىيىتىنى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدىغان كەيپىيات يارىتىش كېرەك. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ھەم ياخشى سودا مۇھىتى بولۇشى، ھەم ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا پايدىلىق مۇھىت بولۇشى كېرەك. «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ تۈزۈلمىسى، پەن-تېخنىكا تۈزۈلمىسى قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك نامۇۋاپىق چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ، پەن-تەتقىقات كوللېكتىپلىرىنى تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ھوقۇقىغا، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلىش، پۈتۈن زېھنى بىلەن تېخنىكا ماھارىتىنى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەممە كەسىپلەرنىڭ ئەليۇلئەلاسى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پەن تەتقىقات تۈرلىرىنى تەشكىللەش، باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ئىختىساسلىقلارغا سۇپا، شەرەپ، ئىلھام بېرىش كېرەك. ياش ئىختىساسلىقلار يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ئىگە. تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ زور پەن تەتقىقات ۋەزىپىسىدە تايانچ كۈچ بولۇشىنى قوللاش كېرەك. ئۇلارنىڭ پەن تەتقىقات ئالتۇن باسقۇچىدا كۆپرەك نەتىجە يارىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھۆكۈمەت ئالاھىدە تولۇقلىما تۈزۈمى يۇقىرى قاتلاملىق، يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى

5-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ