ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشتىكى بەش چوڭ جىنايىتىنىڭ بىرى: مۇستەملىكىچىلىك − ئىندىئانلار ئېچىنىشلىق قىرغىن قىلىندى

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 17:50

 

«كىشىلىك ھوقۇق ئۇستازى» ئامېرىكا باشقا دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ھەققىدە يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى توقۇشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن ئىرقىي يوقىتىش جىنايىتىگە نىسبەتەن، ئۇلار ئۆزى ئۈستىدە ناھايىتى ئاز ئويلىنىدۇ.

قاراپ باقىدىغان بولساق، ئامېرىكىنىڭ تەرەققىيات تارىخى دەل ئىندىئانلارنىڭ قانلىق تارىخىدۇر. ئالدامچىلىق خاراكتېرىدىكى چوڭ-كىچىك شەرتنامىلەر، غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇرلايدىغان قان-ياشلىق يوللار، رەھىمسىزلەرچە پۇلاڭلىتىۋاتقان جاللاتلىق قىلىچلىرى... ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قۇرۇشتا تايىنىدىغان مۇستەملىكە تارىخىنىڭ ھەربىر بېتى «كىشىلىك ھوقۇق ئاپەتلىرى» بىلەن تولغان. كولومبو يېڭى چوڭ قۇرۇقلۇقنى بايقىغاندىن تارتىپ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئىندىئانلارنىڭ نوپۇسى 5 مىليوندىن ئازىيىپ 250 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئىلگىرى قىزغىن، مېھماندوست غوجايىنلار تالاي قېتىملىق يوقىتىشقا ئۇچراپ، ئۆز زېمىنىدا ياشاش، تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمرانلىرى ئىندىئانلارنىڭ «كىشىلىك ھوقۇقى»نى ئويلاشمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئىندىئانلار تۆۋەن تەبىقە ياكى ياۋايى ھايۋانلاردىن تۈپتىن پەرقلەنمەيدۇ. ئامېرىكا «دۆلەت ئاتىسى» جورجى ۋاشىنگتون: «بىزنىڭ كۆچمەنلەر كېڭەيمىچىلىكىمىز بۇ ياۋايى ئادەملەرنى يۇرتىدىن ئايرىۋېتىدۇ؛ ئۇلار بۆرىگە ئوخشاش ياۋايى ھايۋان، پەقەت شەكلى ئوخشىمايدۇ، خالاس» دېگەن.

ئاق تەنلىكلەرنى ئىندىئانلارنىڭ زېمىنىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمرانلىرى خىلمۇخىل «چارە»لەرنى ئويلاپ تاپتى. 1814-يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جامېس مەدىسون پەرمان ئېلان قىلىپ، ھەربىر ئىندىئاننىڭ باش تېرىسىنى يۇقىرىغا تاپشۇرسا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 50 دوللاردىن 100 دوللارغىچە مۇكاپات بېرىشنى بەلگىلىدى. 1862-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى لىنكولىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن، مىننېسوتا ئىشتاتىدىكى ئىندىئان قەبىلىلىرىنىڭ 30 دىن ئارتۇق روھانىيلىرى ۋە سىياسىي داھىيلىرى دارغا ئېسىلدى، بۇ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك كوللېكتىپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە ئىندىئان قەبىلىسى تايىنىپ جان باقىدىغان شىمالىي ئامېرىكا ياۋا كالىسىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىندىئانلارنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن «قالدۇرۇق يەر»گە چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى.

200 يىلدىن بۇيان، ئامېرىكا مۇستەملىكىچىلىرى ئىندىئانلارنىڭ جەسەت سۆڭەكلىرىگە دەسسەپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ تەرەققىي تاپقان كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي گەۋدىنى قۇردى. 200 يىلدىن كېيىن، ئىندىئانلارنىڭ بۇ چوڭ قۇرۇقلۇقتا يەنىلا سۆز قىلىش ھوقۇقى يوق. ئىندىئانلارنىڭ تارىخىي تىراگېدىيەسى ئامېرىكىچە كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنىڭ «باشقىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى تالان-تاراج قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاچكۆزلۈكىنى قاندۇرۇش»تىن ئىبارەت «چىن مەنىسى»نى ھەر ۋاقىت ئېچىپ بەردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشتىكى بەش چوڭ جىنايىتىنىڭ بىرى: مۇستەملىكىچىلىك − ئىندىئانلار ئېچىنىشلىق قىرغىن قىلىندى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى\x0auyghur.people.com.cn\x0aبىزنى قوللىسىڭىز تارقىتىپ قويۇڭ