ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلىتىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالدىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇددىتى يىل ئاخىرىدا يەتتە ئايغا قىسقارتىلىدۇ

مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-05-12 17:51

 

مۇخبىرنىڭ 8-ماي ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىز پاتېنت تەكشۈرۈش، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇددىتىنى سىجىل قىسقارتقان، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يۇقىرى قىممەتلىك پاتېنت ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈش مۇددىتىنى 13.8 ئايغا قىسقارتىش، ئادەتتىكى ئەھۋالدىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇددىتىنى يەتتە ئايغا قىسقارتىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن.

دۆلەت بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئىدارىسى ئاممىۋى مۇلازىمەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ پېيجاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھازىرقى تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈش دەۋرىيلىكىنىڭ ئىستاتىستىكا كۆرسەتكۈچى دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشنى ئۆلچەم قىلىدۇ، نۆۋەتتە تاۋار ماركىسىنى ئوتتۇرىچە تۆت ئايلىق تەكشۈرۈش دەۋرىدىن باشقا، يەنە قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۈچ ئايلىق دەسلەپكى تەكشۈرۈش، ئېلان مەزگىلى، شۇنىڭدەك ئالاھىدە ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش، قەغەز ماتېرىياللارنى پوچتىدىن ئەۋەتىش قاتارلىق زۆرۈر خىزمەت ۋاقتى بار.» يېقىندا بېسىپ تارقىتىلىدىغان «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ساھەسىدىكى ‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش› ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىتى ۋە تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش دەۋرىيلىكىنى قىسقارتىش نىشان-ۋەزىپىسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئادەتتىكى ئەھۋالدىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش دەۋرىيلىكىنى سەككىز ئايدىن يەتتە ئايغا قىسقارتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

ئىلتىماس قىلغۇچىلار ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلغان قىسمەن داۋاملاشما كەسىپلەرنى بېجىرىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزاق بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2021-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تەكشۈرۈش، باشقىچە پىكىرنى تەكشۈرۈش، رەت قىلىشنى قايتا تەكشۈرۈش، كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى جاكارلاشنى ئوتتۇرىچە تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش دەۋرىيلىكىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1.5 ئاي، 12 ئاي، 5.5 ئاي، توققۇز ئايغا قىسقارتىش، ئېلېكتىرونلۇق ئىلتىماستىكى تاۋار ماركىسىنى ئۆزگەرتىش، ئۇزارتىشنى تەكشۈرۈش دەۋرىيلىكىنى يەنە 1/5 گە قىسقارتىش، پاتېنت ھوقۇقى بېرىش ئېلانىنىڭ ئوتتۇرىچە دەۋرىيلىكىنى ئۈچ ھەپتە ئەتراپىغا قىسقارتىش كېرەك.

 

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    دۆلىتىمىزنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋالدىكى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش مۇددىتى يىل ئاخىرىدا يەتتە ئايغا قىسقارتىلىدۇ

    مۇخبىرنىڭ 8-ماي ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلىتىمىز پاتېنت تەكشۈرۈش،