ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گۈيجۇ يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىپ، يېڭى كەلگۈسىنى ياراتماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-09 16:59

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:

گۈيجۇ-ئۇزۇن سەپەر مەزگىلىدە قىزىل ئارمىيەنىڭ پائالىيەت ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، پائالىيەت دائىرىسى ئەڭ كەڭ ئۆلكە بولۇپ، گۈيجۇ زېمىنى قىزىل ئىزلارغا تولغان. بۈگۈنكى گۈيجۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، بۈيۈك مەلۇمات، چوڭ ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەتنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىپ، پۇقرالىرى باي، ئېكولوگىيەسى گۈزەل بولغان رەڭدار گۈيجۇنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى تىرىشىپ ياراتماقتا.

زۈنيى يىغىنى-پارتىيەمىز تارىخىدىكى ئۇلۇغ بۇرۇلۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن بولۇپ، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە قىزىل ئارمىيەدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلىنىپ، يولداش ماۋ زېدۇڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيەنىڭ بىرىنچى ئەۋلاد مەركىزىي رەھبەرلىك كوللېكتىپى شەكىللىنىشكە باشلىغان، زۈنيى يىغىنى-ئەڭ خەتەرلىك پەيتتە پارتىيەنى، قىزىل ئارمىيەنى، جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتقۇزۇپ قالغان.

گۈيجۇ-ئىلگىرى مەملىكەت بويىچە نامرات نوپۇس ئەڭ كۆپ، نامراتلىق دائىرىسى ئەڭ كەڭ، نامراتلىق دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر ئۆلكە ئىدى. بۇ يىل 2-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۈيجۇدا خىزمەت تەكشۈرگەندە، بىجيې شەھىرىنىڭ خۇاۋۇ كەنتىگە باردى. خۇاۋۇ كەنتى ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۆزگىچە تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، نامرات نوپۇس قالمىدى. باش شۇجى مياۋزۇ كەنت ئاھالىسى جاۋ يۈشۆنىڭ ئۆيىدە، ئۇنىڭ تۇرمۇش، تۇرالغۇ مۇھىتىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈردى.

جاۋ يۈشۆنىڭ ئائىلىسى ئەسلىدە تۇرۇبا سۈيى، توك ئۇلانمىغان ماۋو كەنتىدە تۇراتتى، ھازىر ئىككى قەۋەتلىك بىنادا ئولتۇرىدۇ، ئۆيىگە تۇرۇبا سۈيى، توك يەتكۈزۈلدى. باش شۇجى بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى، باش شۇجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش-نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشتىكى ئاساسىي تەدبىر. يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا قولايلىق يارىتىپ، ئاممىنى ھەم كىرىمگە ئىگە قىلىپ ھەم ئائىلىلەرگە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە، جاۋ يۈشۆ ئەر-خوتۇن كۆكتات تېرىپ، ئۆردەك بېقىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سەھرا ئارامگاھى ئاچتى.

خۇاۋۇ كەنتى جايلاشقان بىجيې شەھىرى ئىلگىرى غەربىي رايوندىكى نامرات جايلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى ئىدى، ھازىر ئۆزگىچە كۆكتات تېرىقچىلىقىنى ئاساسلىق كەسىپ قىلىپ، مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتتى. بۈگۈنكى گۈيجۇ نامرات، قالاق ھالەتتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش، تەرەققىياتتا ئارقىدا قېلىشتىن ھالقىپ ئۆتۈشكىچە بولغان تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۈگۈنكى گۈيجۇ يەنە رەقەملىك ئىقتىساد ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا يېڭى پۇرسەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. نۆۋەتتە، گۈيجۇ-مەملىكەت بويىچە تۇنجى بۈيۈك مەلۇمات ئۇنىۋېرسال سىناق رايونى. گۈيياڭنىڭ گۈيئەن پۈتۈن دۇنيادىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بۈيۈك مەلۇمات مەركىزى توپلاشقان نۇقتىلىق رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، بىر تۈركۈم دۇنياۋى بۈيۈك مەلۇمات كارخانىلىرىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، يەرلىك بۈيۈك مەلۇمات باشلامچى كارخانىلىرىنى يېتىشتۈردى.

نۆۋەتتە، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل بولغان ئېكولوگىيە مەنزىرىسى گۈيجۇدا نامايان بولدى. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇھىتنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، گۈيجۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. ۋۇجياڭ دەرياسى 2020-يىلى تۇنجى قېتىم 2-دەرىجىلىك سۇ سۈپىتىگە يەتتى، گۈيجۇدىكى ئاساسلىق دەريالارنىڭ كەسمە يۈزىدىكى سۇ سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %100 كە يەتتى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

گۈيجۇ يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىپ، يېڭى كەلگۈسىنى ياراتماقتا

گۈيجۇ-ئۇزۇن سەپەر مەزگىلىدە قىزىل ئارمىيەنىڭ پائالىيەت ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن، پائالىيەت دائىرىسى ئەڭ كەڭ ئۆلكە بولۇپ، گۈيجۇ زېمىنى قىزىل ئىزلارغا تولغان.