ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

[كۈرەشچان يۈز يىل، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، تۆھپىكار شەخسلەر] كۇڭ فەنسېن، جېساڭ سونەن داجيې

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-06-09 17:02

كۇڭ فەنسېن 1944-يىلى تۇغۇلغان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لياۋچېڭ شەھىرىدىن، ھايات ۋاقتىدا ئىككى قېتىم شىزاڭغا بېرىپ خىزمەت قىلغان. 1992-يىلىنىڭ ئاخىرى ئالى ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىقىغا تەيىنلىنىپ، خىزمەت جەريانىدا پۈتۈن ۋىلايەتتىكى 106 يېزىنىڭ 98ىنى ئارىلاپ چىقىپ، 80 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى باسقان، ئۇ مائاشىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا تولۇقلىما بېرىشكە ئىشلەتكەن، زاڭزۇ ئاممىسى بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان.

1994-يىلى 29-نويابىر كۇڭ فەنسېن شىنجاڭ تارباغاتايغا چېگرا سودىسىنى تەكشۈرۈشكە بارغاندا، يولدا قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ بەختكە قارشى خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، شۇ يىلى ئۇ 50 ياشتا ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدىكى تەۋەررۈكتىن پەقەت ئىككىسىلا بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئۇ ۋاپات بولۇشتىن تۆت كۈن بۇرۇن يازغان ئالىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى 12 تەكلىپ ئىدى.

كۇڭ فەنسېننىڭ ئايرىلغىنىغا 20 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما ئۇنى يەنىلا ئۇنتۇيالمىدى. «مۇز تاغ ھەرقانچە سوغۇق بولسىمۇ لېكىن مېھرى-مۇھەببەت ئىللىق، سادىقلىق نۇرى قارلىق تاغقا چېچىلىپ تۇرىدۇ».

كۇڭ فەنسېننىڭ ھايات ۋاقتىدا قالدۇرغان بۇ مىسرالار ئۇزاقتىن بۇيان ئۈن-تىنسىز ئىشلەپ، ئېگىزلىكنى چىڭ ساقلاپ كەلگەن پارتىيەلىك كادىرلار توپىنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى.

جېساڭ سونەن داجې چىڭخەي ئۆلكىسى يۈشۇ ئوبلاستى جىدو ناھىيەسى سوجا يېزىسى موچۈ كەنتىدە تۇغۇلغان. 1974-يىلى، ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان جىدو يايلىقىغا قايتىپ كەلگەن. 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا كۆكشىل شىزاڭ بۆكىنىنى ئوغرىلىقچە ئوۋلاش ھادىسىسى ئېغىر بولغان. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، سونەن داجيې قوراللىق مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئەترەت ئەزالىرىنى باشلاپ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 12 قېتىم كۆكشىل مەركىزىي رايونىغا كىرىپ، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچىلارغا زەربە بەرگەن.

1994-يىلى 18-يانۋار كېچىدە، ئەينى چاغدىكى جىدو ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، جىدو ناھىيەلىك غەربىي رايون خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان سونەن داجيې ئادەمسىز رايوندا قوراللىق ئوۋچىلار بىلەن ئاخىرقى بىر تامچە قېنى قالغۇچى تىركىشىپ، 40 يېشىدا قۇربان بولغان.

سونەن داجې قۇربان بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ جەسەت كۈلى كۆكشىل قۇياش كۆلى بويى ۋە كوئىنلۇن تېغى ئېغىزىغا چېچىلغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

[كۈرەشچان يۈز يىل، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش، تۆھپىكار شەخسلەر] كۇڭ فەنسېن، جېساڭ سونەن داجيې

كۇڭ فەنسېن 1944-يىلى تۇغۇلغان، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لياۋچېڭ شەھىرىدىن، ھايات ۋاقتىدا ئىككى قېتىم شىزاڭغا بېرىپ خىزمەت قىلغان.