ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-08 16:26

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 51-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى يېقىندا بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بولغاندىلا ئاندىن ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇشنى خەلق ئاممىسى ھەقىقىي نەپ ئالىدىغان ئۇلۇغ ئىشقا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا، چامىسىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەشتە، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش بىلەن جەمئىيەت قاتنىشىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش قانۇنىنى تۈزۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈشكە تۈزۈم ئارقىلىق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

11 ئەزا ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ۋەكىللەر يىغىننىڭ باش تېمىسىنى چۆرىدەپ ئوخشىمىغان نۇقتىدىن تەكلىپ، مەسىلھەت بەردى. 40 نەچچە ئەزا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆچمە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۇپىسىدا پىكىر بايان قىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ يۇڭچىڭ باش تېمىدا سۆز قىلدى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇلى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有