ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەت پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-13 14:34

  جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردە ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.

    «پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەت پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە گەۋدىلىك سىياسىي ئەۋزەللىكى بولۇپ، بارلىق خىزمەتلەرنىڭ جان تومۇرى. ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش پارتىيەنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە، مىللەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك. «پىكىر» ئومۇمىي تەلەپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى قىلىش، ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتتە توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان چوڭ ئەندىزە بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئالتە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 

    «پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېڭى دەۋردە ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىكى فاڭجېن-پىرىنسىپ تۆۋەندىكىچە: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى، ھەر قايسى تەرەپلىرى، ھەر قايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈش. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىستىكىنى كۈرەش نىشانى قىلىش. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە باشقا تۈرلۈك خىزمەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈش. ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاشكارا تەربىيەلەش بىلەن كۆرۈنمەس تەربىيەلەشنى، ئىدىيەۋى مەسىلىنى ھەل قىلىش بىلەن ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشنى، كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاش.

    «پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى پارتىيە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇلى قىلىش كېرەك. پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى-سىياسىي تەربىيەنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش خىزمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىياسىي، ئىدىيە، نەزەرىيە، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كوللېكتىۋىزملىق، سوتسىيالىستىك تەربىيەنى، ماركسىزملىق ماتېرىيالىزم ۋە ئاتېئىزم تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەپ يېتەكلەش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش داۋامىدا يېتىلدۈرۈش، تۈزۈمگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە ۋەزىيەت، سىياسەت تەربىيەسىنى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

    «پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كارخانىلار ۋە يېزىلارنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىنى، يېزىلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ئىدىيە-ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى، ئورگانلار ۋە مەكتەپلەر، مەھەللىلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمىتىنى، توردىكى ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ، ئاممىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئاستىدا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك.

    «پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتتە توغرا يولدا مېڭىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىۋى باش تېما ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، كىشىلەرنى مەدەنىيەت ئارقىلىق تەربىيەلەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلغار تىپلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىي غەمخورلۇق ۋە پىسخىكىلىق يېتەكلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئۆزىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئاقىلانە، پائال ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىجتىمائىي روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

    «پىكىر»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتكوم بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، پارتىيە، ھۆكۈمەت تەڭ تۇتۇپ تەڭ باشقۇرىدىغان، تەشۋىقات تارماقلىرى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرى ئىش تەقسىماتى بويىچە مەسئۇل بولىدىغان، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت تەڭ قاتنىشىدىغان ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەت چوڭ ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مەخسۇس ۋەزىپە بىلەن قوشۇمچە ۋەزىپە بىرلەشتۈرۈلگەن خىزمەت قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى ۋە بازىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، باھالاش نەتىجىسىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە كۆزىتىش مەزمۇنىغا، پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىك بەنزىسى، رەھبىرىي كادىرلارنى ئۇنىۋېرسال تەكشۈرۈپ باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، «يۇمشاق كۆرسەتكۈچ»نى «قاتتىق چەكلىمە»گە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەت پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى

جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان پەيتتە، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردە ئىدىيەۋى-سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.