ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش نادىر نومۇرلىرىنى ئاۋمېندا كۆرگەزمە قىلىپ كۆرسىتىش پائالىيىتى باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-19 10:49

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلىغان نادىر نومۇرلىرىنى ئاۋمېندا كۆرگەزمە قىلىپ كۆرسىتىش پائالىيىتى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى باشلاندى. پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىغا ئائىت يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنىڭ تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى ۋە كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرى ۋە چەت ئەللەردە ئارقا-ئارقىدىن قويۇلدى. «ئولىمپىك مۇسابىقىسى تاراتقۇلار ھوقۇقى ھەمكارلىق كېلىشىمى» شۇ كۈنى ئىمزالاندى، باش ئىستانسا ئاۋمېن رادىيو تېلېۋىزىيە پاي چەكلىك شىركىتىگە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، 2022- يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش ھوقۇقى بەردى. ئاۋمېنلىق تاماشىبىنلار باش ئىستانسىسىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىلى، گۇاڭدۇڭ شېۋىسى ۋە پورتۇگال تىلىدىكى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىشىنى كۆرەلەيدۇ. ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى، قوشۇمچە باش مۇھەررىرى شېن خەيشيۇڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى تەبرىكلەش يىغىنى، «1ـ ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسەتتى، «ئۇلۇغ مۇساپە» ناملىق ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىنى ئىجاد قىلدى ۋە سىنغا ئېلىپ كۆرسەتتى ھەمدە «ئويغانغان يىللار»، «ھەل قىلغۇچ جەڭ»، «يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش» قاتارلىق بىر تۈركۈم نادىر تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى ئىشلەپ، دۆلەت ئىچى-سىرتىدا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى. بۇ نادىر ئەسەرلەردە كاتتا تەبرىكلەش مۇراسىمى، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان مەڭگۈلۈك سەھىپىلەر نامايەن قىلىنغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ ئاۋمېندىكى نۇرغۇن تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئارقا-ئارقىدىن كۆرسىتىلدى ھەمدە شياڭگاڭ ۋە چەتئەللەردە كەڭ كۆلەمدە قويۇلدى.

«ئولىمپىك مۇسابىقىسى تاراتقۇلار ھوقۇقى ھەمكارلىق كېلىشىمى»گە ئاساسەن، مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئۆزىدىكى 2020-يىللىق توكيو ئولىمپىك مۇسابىقىسى پىروگراممىلىرى، 2022- يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى پىروگراممىلىرىنى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى تېلېۋىزىيە نەشر ھوقۇقىغا ئاساسەن ئاۋمېن رادىيو تېلېۋىزىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەقسىز كۆرسىتىشىگە ئىجازەت بەردى.

شۇ كۈنى باش ئىستانسىسىنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان باش پونكىتى ئاۋمېن داشۆسى بىلەن «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى» ئىمزالىدى. ئىككى تەرەپ باش ئىستانسىسىنىڭ ئاخبارات خەۋەرلىرى، ئۈن- سىن بايلىقى ۋە كۆپ مەنبەلىك تارقىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تاراتقۇ ئەۋزەللىكىنى ئاۋمېن داشۆسىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، تارقىتىش پەن تەتقىقاتى ۋە خەلقئارا ئاقىللار ئامبىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالىي مەكتەپ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، باش ئىستانسا بىلەن ئاۋمېننىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش يېڭى بەلگىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقىشى، ئۆسۈپ يېتىلىپ ئىختىساسلىقلاردىن بولۇشىغا تېخىمۇ كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىدۇ.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش نادىر نومۇرلىرىنى ئاۋمېندا كۆرگەزمە قىلىپ كۆرسىتىش پائالىيىتى باشلاندى

مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تەييارلىغان