ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېڭىدىن ئىشلەنگەن «پارتىيە قىزى» ناملىق كىلاسسىك مىللىي ئوپېرا قايتا رېپىتسىيە قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-19 10:49

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 19-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، يېڭىدىن ئىشلەنگەن «پارتىيە قىزى» ناملىق كىلاسسىك مىللىي ئوپېرانى 7-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە كۆڭۈل قويۇپ قايتا رېپېتىتسىيە قىلدى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ 7-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە ئويۇننى كۆردى.

شۇ كۈنى كەچتە دىرىژور لى شىنساۋ دىرىژورلۇق قىلىپ، يۇقىرى ئاۋازلىق ئايال ناخشىچى لېي جيا، ئوتتۇرا ئاۋازلىق ئەر ناخشىچى لياۋ چاڭيۇڭ قاتارلىق يەتتە ئاساسلىق ئارتىس دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسىنىڭ ئوپېرا ئارتىسلىرى ئەترىتى، خور ئۆمىكى، ئوركېستىر ۋە مەركىزىي مىللەتلەر ئوركېستىرىنىڭ سەنئەتكارلىرى بىلەن تاماشىبىنلارغا ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىقتەك تەسىرلىك ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى.

كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان ئوپېرا ۋەقەلىكى، كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان كىلاسسىك ناخشىلار، تەسىرلىك، مۇڭلۇق سادالار، شەخسلەرنىڭ جانلىق، تەسىرلىك ھەقىقىي ئوبرازى تاماشىبىنلارغا كوممۇنىستلارنىڭ ئىرادىسىدىن يانمايدىغان ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ھېس قىلدۇرۇپ، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئاجايىپ يىللارنى ئەسلەتتى.

«پارتىيە قىزى» ناملىق ئوپېرانى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئىلگىرىكى باش سىياسىي بۆلۈمى ئوپېرا ئۆمىكى 1991-يىلى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تەييارلىغان بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىكى ئىنقىلاب تارىخىنى ئىپادىلەش تېمىسىدىكى مۇھىم نەتىجە ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ئېلىمىزدىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە مىللىي كىلاسسىك ئوپېرالارنىڭ بىرى. سەھنە ئەسىرى 1958-يىلىدىكى شۇ ناملىق كىنو-ئەدەبىي سەھنە ئەسىرىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، يەن سۇ يازغان، ۋاڭ جيەن، خې دۇڭجيۇ، ۋاڭ شۇيۈەن سېنارىيەلەشتۈرگەن، ۋاڭ زۇجى، جاڭ زويا، يىن چىڭ، ۋاڭ شىرېن، جى چېڭ، فاڭ تيەنشىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن، پېڭ لىيۈەن، ياڭ خۇڭجى قاتارلىق ئوپېرا سەنئەتكارلىرى تۇنجى نۆۋەت رول ئېلىپ، تۇنجى ئەۋلاد «تيەن يۈمېي»، «7ـ تاغا» قاتارلىق كىلاسسىك سەھنە شەخسلىرىنىڭ ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان، بۇنى مىللىي ئوپېرانىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ.

دىڭ شۆشياڭ، خۇاڭ كۈنمىڭ، سەي چى ۋە مياۋ خۇا ئويۇننى كۆردى. 












中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېڭىدىن ئىشلەنگەن «پارتىيە قىزى» ناملىق كىلاسسىك مىللىي ئوپېرا قايتا رېپىتسىيە قىلىندى

دۆلەت چوڭ تىياتىرخانىسى جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، يېڭىدىن