ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىلىپ چېگرا رايوننىڭ كەسىپلىرى گۈللەندۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-07-21 15:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 21-ئىيۇل بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر ۋە مەركەزدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ھەر تەرەپلىمە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا ئۈنۈملۈك ياردەم بەردى.

مۇھىم تۈر قۇرۇلۇشلىرى جىددىي ئىشلەندى، يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيوللار شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇردى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتە ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. G7 بېيجىڭ ـ شىنجاڭ يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيولى بېيجىڭ بىلەن شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدىغان پۈتۈن لىنىيەلىك يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيول، بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ قورغاس چېگرا ئېغىزىدىن تيەنجىن پورتىغا بارىدىغان ئەڭ تېز دېڭىزغا چىقىش يولى ئېچىلدى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى غەربىي شىمال نېفىت شىركىتىنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقىنىغا 25 يىل بولدى، كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار يېزا ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈردى ۋە ياخشىلىدى.

خەلقنى بېيىتىپ، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپ تەرەققىياتى ئاچقۇچ. ئەنخۇي ئۆلكىسى ئىستېمال ئارقىلىق ياردەم بېرىش يېڭى ئەندىزىسىدە يېڭىلىق ياراتتى. خوتەن گۇما ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى بازىرى ئىتتىك بولدى ؛ تيەنجىن چىرا ناھىيەسىدە رەقەملىك ئېلېكتىرونلۇق كەسىپ باغچە رايونى قۇرۇپ، تەخمىنەن 6000 دىن كۆپرەك شەھەر ـ بازار نوپۇسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى؛ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە سودىگەر چاقىرىش تۈرى ئالتاي ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش تور چولپانلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى يېقىندا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي، جىلىن، شەنشى، جياڭشى قاتارلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەر داۋالاش، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە ئۈزلۈكسىز مەبلەغ سېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىلىپ چېگرا رايوننىڭ كەسىپلىرى گۈللەندۈرۈلدى

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە،